خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە ئاتالمىش مەركەزنىڭ 8 خىل تۈزۈمى ۋە قانۇنغا «خىلاپلىق قىلغان» ئىككى ئۇيغۇر ئەمەلدارىنى تەپتىش دائىرىلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ 5-دېكابىر ئېلان قىلىشىچە، يەكەن ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇدىرى، ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى مۇختەر ھەسەن بىلەن خوتەن ۋىلايەتلىك ئۆي قۇرۇلۇشى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى تۇردىمەمەت روزى پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىلىپ، خىزمىتىدىن بوشىتىلغان.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئۇقتۇرۇشىدا، مۇختەر ھەسەن بىلەن تۇردىمەمەتنىڭ ئاتالمىش ئىنتىزام ۋە قانۇنغا خىلاپ ئېغىر قىلمىشلىرى سەۋەبلىك پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىلىپ، خىزمىتىدىن بوشىتىلغانلىقى، شۇنداقلا شۇنداقلا «جىنايى مەسىلىلەر» گە چېتىلىپ، تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىققا تارتىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈرۈلگەن.
ئۇقتۇرۇشتا، مۇختەر ھەسەننىڭ باشقۇرۇش مۇلازىمەت ئوبيېكتى ۋە قول ئاستىدىكىلەرنىڭ جەمئىي 12 مىڭ 800 يۈەن قىممىتىدىكى سوۋغىسىنى قوبۇل قىلغانلىقى، تۇردىمەمەت روزىنىڭ 460 مىڭ 260 يۈەن قىممىتىدە سوۋغات قوبۇل قىلىپ، ئىدارىسىنىڭ ئاپتوموبىلىنى كۆپ قېتىم ئۇرۇق-تۇغقان، دوست يارەنلىرىنىڭ ئىشلىرىغا ئىشلەتكەنلىكى قەيت قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىشىغا سەۋەب بولغان كونكرېت قانداق «جىنايى مەسىلىلەر» گە چېتىلغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇندا نۇرغۇن ئۇيغۇر كادىرلىرىنى «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» بىلەن ئەيىبلەپلا قالماي، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش، پارىخورلۇق قىلىش بىلەنمۇ ئەيىبلەپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىن تازىلاپ چىقارغان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە كومىتېتى بۇ ئىككى دېلونى مەركەزنىڭ 8 خىل تۈزۈمىگە خىلاپ تىپىك 6 دېلونىڭ قاتارىدا ئېلان قىلغان.