خىتاي دائىرىلىرى بورتالا ئوبلاستىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ماھمۇتجان باراتنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىغان
2020.04.27
خىتاي دائىرىلىرى بورتالا ئوبلاستىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ماھمۇتجان باراتنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن دېلو تۇرغۇزۇشنى قارار قىلغان.
«خەلق تورى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ماھمۇتجان بارات «غايە-ئېتىقاتىنى يوقاتقان، سىياسىي ئېڭى ۋە پارتىيەۋىيلىك پرىنسىپى يوق…تەشكىلنىڭ تەكشۈرۈشىگە قارشىلىق كۆرسىتىپ، باشقىلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈۋالغان، چەتئەلگە چىقىپ تەكشۈرۈش مەزگىلىدە لىنىيەنى ئۆز بېشىمچىلىك بىلەن ئۆزگەرتكەن، ئالاقىدار شەخسىي ئىشلىرىنى دوكلات قىلمىغان، دۆلەت مۈلكىنى ئىگىلىۋالغان، زور مىقداردىكى مال-مۈلۈكنى قانۇنسىز قوبۇل قىلغان،» دەپ ئەيىبلەنگەن.
ماھمۇتجان بارات خىتاينىڭ 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇنىدىن بېرى ئىنتىزامغا ۋە قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ، ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان ۋە قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلغان كۆپلىگەن يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇيغۇر كادىرلىرىنىڭ يەنە بىرىدۇر. چوڭ تۇتقۇندا نۇرغۇن ئۇيغۇر كادىرلار «بۆلگۈنچىلىك»، «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» ياكى «رەزىل كۈچلەرنى قانات ئاستىغا ئېلىش» دېگەن جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىنىپ، لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە قامالغان. بەزىلىرىگە مۇددەتسىز قاماق ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىپ، نۇرغۇن ئۇيغۇر كادىرلار ھاكىمىيەت ئورگانلىرىدىن تازىلانغان ئىدى.
«خەلق تورى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە كومىتېتى ماھمۇتجان باراتنىڭ پۈتۈن ۋەزىپىلىرىنى ئېلىپ تاشلاپ، پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىشنى شۇنداقلا ئۇنىڭ ئۈستىدىن دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشنى قارار قىلغان. 1963-يىلى تۇغۇلغان ماھمۇتجان بارات جىڭ ناھىيەسىدىن بولۇپ، ئۇ تۇتقۇن قىلىنىشتىن بۇرۇن بورتالا ئوبلاستىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، بىڭتۇەن 5-دېۋىزىيەسىنىڭ مۇئاۋىن دېۋىزىيە باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن ئىدى.