ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 861 يېزا، بازارنىڭ پارتكوم ھەيئەتلىرى ئالماشتۇرۇلغان

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 8‏-ئىيۇل ئاخبارات يىغىنى چاقىرىپ، ئاپتونوم رايوندىكى يەرلىك يېزا-بازار پارتكوم ھەيئەتلىرىنى ئالماشتۇرۇش خىزمىتى ئاخىرلاشقانلىقىنى جاكارلىدى.

دائىرىلەر يېڭى تەشكىل قىلىنغان يېزا-بازار پارتكوم ھەيئەتلىرىنىڭ مىللىي، جىنسىي، ياش قۇرامى، مەدەنىيەت تەربىيە ئەھۋالى، مۇئاۋىن سېكرېتارلارنىڭ مىللىي نىسبىتى قاتارلىق ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىنى ئېلان قىلغان.

ئەمما پارتكوم 1‏-قول سېكرېتارلىقىنى ئۈستىگە ئالغان يەرلىك مىللەت كادىرلىرىنىڭ قانچە پىرسەنتنى تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان. خەۋەرلەردە، 1‏-قول سېكرېتارلىقنى ئۈستىگە ئالغان يەرلىك مىللەت كادىرلىرىنىڭ بۇرۇنقىدىن پەقەت 12 كىشى كۆپەيگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل 2‏-ئايدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى يېزا ۋە بازارلارنىڭ پارتكوم ھەيئەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇش خىزمىتىنى باشلىغان ئىدى. دائىرىلەر يېقىنقى 5 ئايدا ئاپتونوم رايوندىكى 861 يېزا، بازار پارتكومىنىڭ سېكرېتار ۋە مۇئاۋىن سېكرېتارى قاتارلىق بارلىق ھەيئەتلىرىنى ئالماشتۇرغان.

يەرلىك پارتكوم ھەيئەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەرتىپكە سېلىشنىڭ ئارقىسىدىكى ئامىل بىزگە مەلۇم ئەمەس. دائىرىلەر بۇ ئارقىلىق يەرلىك پارتكوملارنىڭ ياشلاشتۇرۇلغان ۋە سەرخىللاشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئەمما بەزى ئانالىزچىلار، بۇنىڭ يەرلىك پارتكوملارنى جو يوڭكاڭ-ۋاڭ لېچۈەننىڭ تەسىرىدىن تازىلاشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي ھۆكۈمەت ئاخباراتى‏-«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، يېڭى تەشكىل قىلىنغان يېزا-بازار پارتكوم ھەيئەتلىرىنىڭ 53.74 پىرسەنتنى خىتايلار، 46.26 پىرسەنتىنى ئاز سانلىق مىللەتلەر، مۇئاۋىن سېكرېتارلارنىڭ 49.06 پىرسەنتىنى ئاز سانلىق مىللەتلەر تەشكىل قىلغان.