ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان ۋە يېڭىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2016.07.11

ئىگىلىنىشىچە، 11-ئىيۇل كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى 8 نەپەر نازارەت ۋە نازارەت دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئەمەلدارنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا 5 نەپەر يېڭى ئەمەلدارلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ قېتىملىق نازارەت دەرىجىلىك كادىرلارنى ۋەزىپىدىن قالدۇرۇش ۋە يېڭىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەش ئىشى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلاردىكى بىر قېتىملىق زور تەڭشەش ھېسابلىنىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىملىق تەڭشەشتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپلىرىدىن ۋاڭ خۇيلىن بىلەن قادىربېك ھەمزە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان. ئىلى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى سېرجان ئۇقاباي ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەن.

بۇ قېتىملىق تەڭشەشتە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان ياكى يېڭىدىن نازارەت ۋە نازارەت دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەنلەر ئىچىدە بىرمۇ ئۇيغۇر ئەمەلدار يوق بولۇپ، 4 نەپەر خىتاي ئەمەلدار بىلەن بىر نەپەر قازاق ئەمەلدار ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە بىۋاسىتە قاراشلىق ھەرقايسى نازارەت ۋە ئىدارىلەرگە يېڭىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن.

كۆزەتكۈچىلەر بىلەن سىياسىي ئانالىزچىلار، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزى ماقۇللىغان «مىللىي تېرىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنى» دىكى بەلگىلىمىلەرنى بىر ياققا قايرىپ قويۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئاپتونومىيەنى يۈرگۈزگۈچى مىللەت بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ 1990-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىن بۇيان رايوندىكى سىياسىي ۋە مەمۇرىي ھوقۇق سىستېمىسىدىن سىقىپ چىقىرىلىشى بۇنىڭ ئاساسلىق ئالامەتلىرىنىڭ بىرى ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.