خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ 8-ئاينىڭ 1-كۈنىدىكى خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جارۇللا ھىسامىدىن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان.
خەۋەردە، «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى 13-نۆۋەتلىك دائىمىي كومىتېتىنىڭ 34-قېتىملىق يىغىنىدا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جارۇللا ھىسامىدىننىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىش تەلىپى قوبۇل قىلىندى» دېيىلگەن. ئالدىنقى نۆۋەتلىك رەئىس شۆھرەت زاكىر 2021-يىل 10-ئايدا ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغاندىمۇ، «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىرنىڭ ئىستېپانامىسى تەستىقلاندى» دېيىلگەنىدى.
مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، جارۇللا ھىسامىدىن 1962-يىل ئاتۇشتا تۇغۇلغان بولۇپ، 1995-يىل يوپۇرغا ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى، 2005-يىل ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ۋالىيسى، 2009-يىل ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ باشلىقى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن. 2013-يىل 1-ئايدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ تەيىنلەنگەن.
رادىيومىزنىڭ ئىلگىرىكى خەۋەرلىرىدە، جارۇللا ھىسامىدىننىڭ خىتاي ئەلچىلىرى بىلەن بىرلىكتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «شىنجاڭ ياخشى جاي» دېگەندەك تور تەشۋىقات يىغىنلىرىغا ھەمدە تۈركىيە ۋە رۇسىيەدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ئاتا-ئانىسى بىلەن تور ئېكرانى ئارقىلىق كۆرۈشتۈرۈش يىغىنلىرىغا قاتناشقانلىقى خەۋەر قىلىنغانىدى. جارۇللا ھىسامىدىن بۇ يىغىنلاردا «شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى بەختلىك ياشاۋاتىدۇ، چەت ئەلدىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر يالغان-ياۋىداق تارقىتىۋاتىدۇ» دېگەن.
مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىم جارۇللا ھىسامىدىن بىلەن بىر قاتاردا كۆپلىگەن ئۇيغۇر ئەمەلدارلار ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان، بەزىلىرى يېڭىدىن تەيىنلەنگەن. ھالبۇكى، بۇ ھوقۇق ئالماشتۇرۇش قارارىدا ئىسمى ئېلان قىلىنغانلار ئىچىدە مۇتلەق كۆپ قىسمى خىتاي ئەمەلدارلىرى بولۇپ، تىزىملىكتە ئەڭ يۇقىرى نىسبەتنى ئىگىلىگەن.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق رەئىسى نۇر بەكرى قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن شۆھرەت زاكىر، جارۇللا ھىسامىدىنغا ئوخشاش رەئىس، مۇئاۋىن رەئىس ۋە باشقا ئۇيغۇر ئەمەلدارلارنىڭ قاتتىق بېسىمغا ئۇچرىغانلىقى، ھەر ئىشتا خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئېغزىغا قارايدىغانلىقى، ئىستېپا سوراش-سورىماسلىقىنىمۇ خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ بەلگىلەيدىغانلىقى ئاشكارا مەخپىيەتلىك ئىدى. ئامېرىكادىكى خىتاي ئانالىزچىسى چېن پوكۇڭ ئىلگىرى بۇ ھەقتە بەرگەن بىر زىيارىتىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھېچقانداق ئۇيغۇرغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ رولى تۈگىگەندە قاتتىق ياكى يۇمشاق ئۇسۇللار بىلەن سىياسىي سەھنىدىن يوقىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.