ئۇيغۇر دىيارىدا يەنە 7 نەپەر كادىر ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ جازالانغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020.09.25

ئۇيغۇر دىيارىدا ئىككى نەپەر ئۇيغۇر ۋە بىر قازاق كادىرنى ئۆز ئىچگە ئالغان 7 نەپەر كادىر ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ جازالانغان. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 25-سېنتەبىر خەۋەرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە كومىتېتى 6 دېلوغا چېتىشلىق 7 كىشىنى «مەركەزنىڭ 8 تۈرلىك بەلگىلىمىسىگە خىلاپ تىپىك ۋەقەلەر» دەپ ئېلان قىلغان. خەۋەردە، بۇ كىشىلەرنىڭ ھەشەمەتخورلۇق قىلىپ، سوۋغات قوبۇل قىلىپ ۋە ساياھەتكە قاتنىشىپ، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلىقى، مەركەزنىڭ بۇ جەھەتتىكى 8 تۈرلۈك بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ جازالانغان بۇ كادىرلارنىڭ ئىچىدە مارالبېشى ناھىيەلىك مىللىي تىبابەتچىلىك دوختۇرخانىسىنىڭ مۇدىرى ئەمىر سىدىق، چاپچال ناھىيەسى كان يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى باقىتبېك رەخىمبېك، ئارال كەنت كومىتېتىنىڭ مۇدىرى تۇداخۇن زاكىر قاتارلىق ئۇيغۇر ۋە قازاق كادىرلار بار ئىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى باشلىغان چوڭ تۇتقۇندا نۇرغۇن ئۇيغۇر كادىرلار تۇتقۇن قىلىنىپ، ھۆكۈمەت ۋە كەسپىي ئورگانلاردىن تازلانغان.

نۇرغۇن كادىرلار لاگېرلارغا قامالغان ياكى قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنغانىدى. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ تەكىتلىشىچە، دائىرىلەر مەركەزنىڭ 8 تۈرلۈك بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغان دېگەننى رايوندىكى ھۆكۈمەت ۋە كەسپىي ئورگانلاردا قېلىپ قالغان ئەڭ ئاخىرقى تۈركۈمدىكى ئۇيغۇرلارنى تازلاش ئۈچۈن باھانە قىلىپ قوللانماقتىكەن. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە تەكىتلىنىشىچە، مارالبېشى ناھىيەلىك مىللىي تىبابەت دوختۇرخانىسىنىڭ مۇدىرى ئەمىر سىدىق ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىپ، ئىككى يىل پارتىيە ئىچىدە سىناققا قالدۇرۇلغان. باقىتبېك بىلەن تۇداخۇن زاكىرغا پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.