ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق نازارىتىنىڭ نازىرى تۇرسۇنجان ئەلى «تەكشۈرۈش» كە ئېلىپ كېتىلگەن

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021-11-24
Share

خىتاي مەركىزىي رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ تور بېتىدە 22-نويابىر ئېلان قىلىنغان خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق ۋە يېزا نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، نازىر تۇرسۇنجان ئەلى «ئىنتىزامغا ۋە قانۇنغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىش» بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە نازارىتىنىڭ تەكشۈرىشىگە ئېلىپ كېتىلگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، تۇرسۇنجان ئەلى 1968-يىلى تۇغۇلغان بولۇپ، ئىلگىرى قەشقەر ۋە غۇلجا تەۋەسىدە تۈرلۈك رەھبىرىي خىزمەتلەرنى ئۆتىگەن. كېيىنچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ باش كاتىپى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سۇ ئىشلىرى نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى، 2020-يىلى ئىيۇندىن باشلاپ دېھقانچىلىق ۋە يېزا نازارىتىنىڭ نازىرى بولۇپ ئىشلىگەن ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان سىياسىي باستۇرۇشلىرىدا يوقىتىلىۋاتقان ئۇيغۇر رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك دەسلەپ مۇشۇ خىلدىكى «ئىنتىزامغا ۋە قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش» بىلەن ئەيىبلەنگەن، ئاندىن ئۆلۈم جازاسى ياكى مۇددەتلىك قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى. ئامېرىكادىكى خىتاي ئانالىزچى چېن پوكوڭ سابىق رەئىس نۇر بەكرىنىڭ قولغا ئېلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئېھتىياجى قالمىغاندا ئۇيغۇر رەھبىرىي كادىرلارنى ئاشۇ يوسۇندا بىر-بىرلەپ يوقىتىدۇ،» دېگەن ئىدى.

يېقىندا خىتاي تاراتقۇلىرى «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سودىيەلەرنى جازالاش كومىتېتى» قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، يوقۇرى سوتنىڭ ئۈستىدە تۇرىدىغان بۇ كومىتېت، سوتچى ۋە سوت سىستېمىسىدىكى خادىملارنى نازارەت قىلىش، «سوت جەريانىدا يۇمشاققوللۇق قىلغان، قاتتىق پوزىتسىيەدە بولمىغان» سوت خادىملىرىنى جازالاشنى مەقسەت قىلىدىكەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق نازارىتىنىڭ نازىرى تۇرسۇنجان ئەلىنىڭ «تەكشۈرۈش» كە ئېلىپ كېتىلىشى، ئۇيغۇر رايونىدا ئۇيغۇر رەھبىرىي كادىرلارنى تازىلاش ھەرىكىتىنىڭ ئىزچىل داۋاملىشىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت