ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى پارىخورلۇق جىنايىتى بىلەن تۇتۇلغان

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2020-12-16
Share

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ 16-دېكابىر ئېلان قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى رېن خۇا (ئايال) 15 كۈن ئاۋۋال خىتاي ئالىي تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان. تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيبنامىسىدە رېن خۇانىڭ پارىخورلۇققا چېتىشلىق جىنايىتى بارلىقى، بارلىق مال-مۈلكىنىڭ توڭلىتىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. ئۇ مۇئاۋىن رەئىس بولغان مەزگىلىدە ئاپتونوم رايوننىڭ تەشۋىقات ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغان بولۇپ، ئەيبنامىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇ پارا ئېلىشتىن باشقا يەنە، خۇراپىي پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىش جىنايىتى ئۆتكۈزگەن، ئەمما خەۋەرلەردە بۇ پائالىيەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىلمىگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 15-دېكابىر مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تور بېتىدە ئېلان قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن نازارەتچىسى ھەسەنجان مەھەممەت «ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش» جىنايىتى بىلەن ئەيبلىنىپ تۇتۇلغان.

كۆزەتچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ئەمەلدارلىرى ئىچىدە پارا يېمەيدىغان ئەمەلدار يوق. پارىخورلۇق جىنايىتى بىلەن تۇتۇلغانلىرى پەقەت خىتاي ئەمەلدارلىرى ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي كۈرەشنىڭ قۇربانلىرى. «ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلدى» دېگەن قالپاق بىلەن تۇتۇلغان ئۇيغۇر ئەمەلدارلىرى بولسا خىتاينىڭ دېگەن يېرىدىن چىقمىغان، مىللەتكە خىزمەت قىلىش ئېڭى يۇقىرى كىشىلەر بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت