شى جىنپىڭ مەركىزى پارتىيە مەكتىپىدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر كادىرلىرىدىن كۈچلۈك خىتايلىشىش ئېڭى تۇرغۇزۇشنى تەلەپ قىلغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024.09.23

خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بېيجىڭدىكى مەركىزى پارتىيە مەكتىپىدە تەربىيەلىنىۋاتقان يەرلىك كادىرلىرىغا يوليورۇق بېرىپ، ئۇيغۇر ئېلىنى «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭى» بەرپا قىلىش نامىدىكى خىتايلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە تېخىمۇ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە چاقىرغان.

 ھالبۇكى، خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە، خىتاينىڭ 2017-يىلدىن بېرى يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە بەزى غەرب پارلامېنتلىرى تەرىپىدىن ئىرقىي ھەم مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى، دەپ ئەيىبلىنىۋاتقان ئۇيغۇر ئېلىدە، شى جىنپىڭنىڭ يەرلىك كادىرلاردىن كونكرېت يەنە قانداق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان. خىتاينىڭ خەلقئارا تەشۋىقات قانىلى بولغان CGTN نىڭ بىلدۈرۈشىچە، شى جىنپىڭ مەركىزى پارتىيە مەكتىپى كۇرسانتلىرىغا بەرگەن يوليورۇقىدا، «پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىنى تولۇق ۋە قەتئىي ئىجرا قىلىش، بۇ قېتىملىق تەربىيەلەش كۇرسى ئارقىلىق رايوندا كۈچلۈك دەرىجىدىكى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى بەرپا قىلىش تىرىشچانلىقىنى تېخىمۇ قاتتىق كۈچەيتىش» نى تەلەپ قىلغان.

شى جىنپىڭنىڭ بۇ يوليورۇقىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى ھەپتىلەردىن بېرى ئۇيغۇر ئېلىگە مۇناسىۋەتلىك دىپلوماتىك ۋە ئاخبارات تەشۋىقاتىنى تېخىمۇ كەڭ قانات يايدۇرۇشقا باشلىغان بىر پەيتتە ئېلان قىلىنىشى، دىققەت قوزغىماقتا.

CGTN نىڭ قەيت قىلىشىچە، شى جىنپىڭ يەنە بۇ نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈچۈن تېخىمۇ ساداقەتمەن، تېخىمۇ دۇرۇس، مەسئۇلىيەتچان ۋە يۇقىرى ئىقتىدارلىق كادىرلارنى يېتىشتۈرۈشنىڭ زۆرۈرلۈكى» نى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. شى جىنپىڭنىڭ بۇ يوليورۇقىنى بېيجىڭدىكى مەركىزى پارتىيە مەكتىپىدە «شىنجاڭ سىنىپى» ئېچىلىپ، يەرلىك مىللەت كادىرلارنى تەربىيەلەشكە باشلىغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن يوللىغانلىقى، ئۇنىڭ يوليورۇقىنى مەركىزى پارتىيە مەكتىپىنىڭ مۇدىرى چېن شىنىڭ يەتكۈزگەنلىكى قەيت قىلىنماقتا.

شى جىنپىڭ، بۇ تەربىيەلەش پىروگراممىسىنىڭ 70 يىلدىن بېرى ئۇيغۇر ئېلىنى باشقۇرۇشتا «ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغانلىقى» نى ئېيتقان بولسىمۇ، ئەمما 2017-يىلى ئۇنىڭ «يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسى» ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغاندىن كېيىن، ئىلگىرى مەركىزى پارتىيە مەكتىپىدە تەربىيەلەنگەن نۇرغۇن ئۇيغۇر كادىرلىرىنىڭ «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى مەلۇم.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.