«ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھىسى» ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدا قايتا سۇنۇلماقچى ئىكەن

ئۆتكەن يىلى 10‏-ئايدا ئامېرىكا ئاۋام ۋە كېڭەش پالاتالىرىدا «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھىسى» سۇنۇلۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئومۇميۈزلۈك باستۇرۇشىغا قارىتا پرېزىدېنت ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ بەزى تەدبىرلەرنى ئېلىشى تەلەپ قىلىنغان. كېڭەش پالاتاسىدىكى قانۇن لايىھىسىنى پالاتا ئەزالىرى ماركو رۇبىئو بىلەن باب مېنەندەز سۇنغان. لېكىن قانۇن لايىھىسى ئۆتكەن يىلى 11‏-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن دۆلەت مەجلىسى سايلىمى سەۋەبلىك كېڭەش پالاتاسىدا ئاۋازغا قويۇلمىغان ئىدى. ئامېرىكادىكى «ئوكسىئوز» ناملىق تور ژۇرنىلى 13‏-يانۋار تارقاتقان خەۋىرىدە كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىئو بىلەن باب مېنەندەزنىڭ مەزكۇر قانۇن لايىھىسىنى بۇ ھەپتە ئىچىدە قايتا سۇنماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. خەۋەردە ۋەقەدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈشىچە، «خىتاينىڭ بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى ‹قايتا تەربىيىلەش› لاگېرلىرىغا قاماپ، تۇتقۇنلارنى دىنىي ئېتىقادى، مەدەنىيىتىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىشى، ئۇيغۇر بالىلىرىنى يېتىمخانىلارغا مەھكۇم قىلىشىدەك دۇنيا كۆز يۇمۇۋالغان بۇ زۇلۇمىغا قارىتا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بەزى ئەزالىرى ترامپ ھۆكۈمىتىگە خىتاينى جاۋابكارلىققا تارتىش ھەققىدە بېسىم قىلىشنى كۈچەيتىشنى پىلانلىماقتا» ئىكەن.

خەۋەردە، بۇ قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغان قانۇن لايىھىسىنىڭ ئۆتكەن قېتىمقى قانۇن لايىھىسى بىلەن پەرقى يوقلۇقى بىلدۈرۈلگەن. خەۋەردە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، بۇ قېتىمقى قانۇن لايىھىسى: ئوخشاشلا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇچرىشىشلاردا كۈنتەرتىپكە كېلىشى، ماگنېتسكىي قانۇنىنى ئىشقا سېلىش، فرانك ۋولف دىنىي ئەركىنلىك قانۇنىنى تولۇق ئىجرا قىلىش، سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئېكسپورتنى كونترول قىلىشى، شىنجاڭ مەسىلىسى بويىچە ئالاھىدە ئەمەلدار تەيىنلەش، رايوندا يۈز بېرىۋاتقان باستۇرۇش ۋە بۇنىڭ رايون بىخەتەرلىكىگە پەيدا قىلىۋاتقان تەھدىتى، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ مۇساپىرلارنى، سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش ئەھۋالى، لاگېر قۇرۇلۇشىغا قاتناشقان خىتاي شىركەتلىرىنىڭ تىزىملىكىنىڭ تۇرغۇزۇلۇشى، ئائىلە تاۋابىئاتى تۇتقۇن قىلىنغان ئامېرىكا پۇقرالىرى ۋە يېشىل كارت ئىگىلىرىنىڭ سانلىق ئۇچۇر ئامبىرىنىڭ قۇرۇلۇشى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىئو «ئوكسىئوز» تور ژۇرنىلىغا سۆز قىلىپ: «ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپلىق قىلغان، بەلكى ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلغان، جۈملىدىن بىر مىليوندەك ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى قايتا-تەربىيەلەش لاگېرلىرىغا قامىغان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى ۋە كوممۇنىستىك پارتىيەنى جاۋابكارلىققا تارتىشى كېرەك» دېگەن.