ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى خەلقئارانى ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-11-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» تەشكىلاتى دۇنيا بالىلار كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر بالىلىرىنى ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىۋېتىش سىياسىتىگە خاتىمە بېرىش ئۈچۈن دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە ئۈندىگەن. باياناتتا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنى ئايرىۋېتىشكە خاتىمە بېرىشى، ئۇنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» نى توختىتىشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.

20‏-نويابىر ب د ت نىڭ «بالىلار ھوقۇقى ئەھدىنامىسى» ماقۇللانغانلىقىنىڭ 30 يىللىق خاتىرە كۈنى بولۇپ، بۇ كۈن بىردەك دۇنيا بالىلار كۈنى، دەپ قوبۇل قىلىنغان. خىتاي ھۆكۈمىتى بالىلار ھوقۇقى ئەھدىنامىسىنى 1992‏-يىللىق تەستىقلىغانىدى.

«ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» 19‏-نويابىر كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ بالىلار ھوقۇقى ئەھدىنامىسىنىڭ 9‏-ماددىسىغا خىلاپلىق قىلىۋاتقانلىقى تەكىتلىنىپ، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ۋە ھەر قايسى ھۆكۈمەتلەرنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈشكە ئۈندىگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2017‏-يىلى 2‏-ئايدا باشلانغان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇنىدا مىليونلىغان مۇسۇلمان لاگېرلارغا قامىلىپ، ئائىلىلەر ۋەيران بولغان، نۇرغۇن بالىلار قارانچۇقسىز قالغان. قارانچۇقسىز قالغان نۇرغۇن بالىلار يېتىمخانىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بۇ جەرياندا بالىلارنىڭ ئاچ قېلىپ ياكى توڭلاپ ئۆلۈپ كېتىشىدەك پاجىئەلىك ۋەقەلەر يۈز بەرگەن. چەتئەلدىكى بەزى ئاتا-ئانىلار ئۆزلىرىنىڭ ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان يۇرتىدىكى پەرزەنتلىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقات ۋىدىيولىرىدىن تونۇپ قالىدىغان ئەھۋاللار يۈز بەرگەن. بۇ ئەھۋال خەلقئارا تاراتقۇلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق دىققىتىنى قوزغاپ كەلگەنىدى. «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتى 16‏-نويابىر كۈنى ئېلان قىلغان خىتاينىڭ لاگېرلار ھەققىدىكى 403 بەتلىك مەخپىي ھۆججىتىدە، ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئەھۋالىغا دائىر بەزى تەپسىلاتلار ئاشكارىلانغان. ھۆججەتتە، ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ لاگېردىكى ئاتا-ئانىلىرىغا دائىر سوئاللىرىغا نېمە، دەپ جاۋاب بېرىش ھەققىدە تەپسىلىي كۆرسەتمىلەر بېرىلگەنىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت