ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئىككى نوپۇزلۇق ئەزاسى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى سىياسىتى قانۇنى» نى ئۇزارتىش لايىھەسى سۇنغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024.06.07

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئىككى نوپۇزلۇق ئەزاسى 6-ئىيۇن كۈنى دۆلەت مەجلىسىگە ئامېرىكانىڭ 2020-يىلى چىقىرىلغان «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى» نىڭ ۋاقتىنى ئۇزارتىپ، ئۇنىڭغا قايتا ھوقۇق بېرىش قانۇن لايىھەسى سۇنغان.

2025-يىلى ۋاقتى توشۇدىغان بۇ قانۇنغا قايتا ھوقۇق بېرىش لايىھەسىنى جۇمھۇرىيەتچى كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركۇ رۇبىيو بىلەن دېموكراتچى كېڭەش پالاتا ئەزاسى جېف مېركىلېينىڭ سۇنغانلىقى مەلۇم. «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى» ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە چىقارغان تۇنجى قانۇنى بولۇپ، بايدېن ھۆكۈمىتى بۇ قانۇننى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىشقا چاقىرىلىپ كېلىنگەن. ماركۇ رۇبىيونىڭ ئىشخانىسى 6-ئىيۇن ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ۋەھشىيلەرچە باستۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقى، ئامېرىكانىڭ بۇ ۋەھشىيلىككە قاتناشقان ئەمەلدارلارنى جاۋابكارلىققا تارتىشى كېرەكلىكى» تەكىتلەنگەن.

باياناتتا قەيت قىلىنىشىچە، رۇبىيو بىلەن مېركىلېينىڭ بۇ قانۇن لايىھەسىنى سۇنۇشىدىكى مەقسىتى، «ئامېرىكانىڭ خىتايدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى داۋاملىق قوللىشىغا كاپالەتلىك قىلىش» ئىكەن. بۇ قانۇن لايىھەسىدە «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى سىياسىتى قانۇنى» نى 2025-يىلدىن باشلاپ يەنە 5 ئۇزارتىش ئوتتۇرىغا قويۇلغان. رۇبىيونىڭ ئىشخانىسى ئېلان قىلغان باياناتتا رۇبىيىو مۇنداق دېگەن: «ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى ۋە خىتاي ئۆكتىچىلىرى داۋاملىق خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشىنىڭ نىشانى بولۇپ كېلىۋاتقان بىر پەيتتە، بىزنىڭ بۇ تەھدىتكە قارشى قولىمىزدا ۋاسىتە بولۇشى كېرەك. بۇ قايتا ھوقۇق بېرىش قانۇن لايىھەسى ئىنتايىن مۇھىم، مەن خىزمەتداشلىرىمنى بۇ لايىھەنى قوللاشقا چاقىرىمەن» .

ھالبۇكى، باياناتتا كېڭەش پالاتا ئەزاسى جېف مېركىلېي «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى جازالىشى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىشىغا شېرىك بولمايدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق سىگنال بېرىشنى داۋاملاشتۇرۇشى كېرەكلىكى» نى ئېيتقان. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، «بۇ قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللاش ئىرقىي قىرغىنچىلىق قۇربانلىرىنى قوغداش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاينىڭ بۇ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى جاۋابكارلىققا تارتىش ئۈچۈن مۇھىم» ئىكەن.

 «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى» 2020-يىلى ئاۋام ۋە كېڭەش پالاتالىرىدا مۇتلەق كۆپ سانلىق ئاۋازنىڭ قوللىشى ئارقىلىق ماقۇللىنىپ، شۇ يىلى 17-ئىيۇن كۈنى سابىق پىرېزىدېنت ترامپ تەرىپىدىن ئىمزالانغان ۋە رەسمىي قانۇنغا ئايلانغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.