دۇنيادا كۆمۈرنى يېقىلغۇ قىلىشنى توختىتىپ، ھاۋاغا زەھەرلىك كاربون قويۇپ بېرىشنى كونترول قىلىش سادالىرى كۈچىيىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى ما شىڭرۈي ئۇيغۇر رايونىدا چوڭ كۆلەملىك، يۇقىرى سۈپەتلىك كۆمۈر ئېلېكتىر ۋە كۆمۈر خىمىيە سانائىتى تەرەققىياتىنى تېزلىتىشنى تەلەپ قىلغان. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ما شىڭرۈي بۇ يىل 3-يانۋار كۈنى خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ كۆمۈر ئېلېكتىر ۋە كۆمۈر خىمىيە سانائىتى بازىلىرىدىن بىرى بولغان شەرقىي جۇڭغار ئىقتىسادىي ئېچىۋېتىش رايونىدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا بۇ تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ما شىڭرۈينىڭ 3-يانۋار شەرقىي جۇڭغاردىكى كۆمۈر سانائىتى كارخانىلىرىدا ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشى، ئۇنىڭ 31-دېكابىر كۈنى بايىنغولىن ئوبلاستى ۋە ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى خىتاي ئېنېرگىيە ۋە يېڭى ماتېرىياللار كارخانىلىرىدا تەكشۈرۈشتە بولۇشىنىڭ ئارقىسىدىنلا ئېلىپ بېرىلغان.
«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ما شىڭرۈي شەرقىي جۇڭغار ئىقتىسادىي ئېچىۋېتىش رايونىدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق دېگەن: «شىنجاڭنىڭ نۇقتىلىق تەبىئىي بايلىقى ۋە سانائىتىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت ئىقتىسادىدىكى مۇھىم رولىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، كۆمۈرنىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىك ئىشلىتىلىشىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ چوڭ كۆلەمدىكى كۆمۈرچىلىك، كۆمۈر ئېلېكتىر ۋە كۆمۈر خىمىيە سانائىتى ئۇل قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سۈرۈش كېرەك» . ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ ئارقىلىق رايوندا «پۈتۈن دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەسىگە كاپالەتلىك قىلىش بازىسى بەرپا قىلىش كېرەك» ئىكەن.
ما شىڭرۈينىڭ نېمە ئۈچۈن 31-دېكابىردىن بېرى ئۇيغۇر رايونىدىكى ئېنېرگىيە بازىلىرى ۋە كارخانىلىرىدا ئارقا-ئارقىدىن تەكشۈرۈشتە بولۇپ، ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سۈرۈش ھەققىدە يوليورۇقلارنى بېرىشىنىڭ سەۋەبى مەلۇم ئەمەس. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي يېقىنقى ئىككى يىلدىن بېرى، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرى يىغىلغان نۇقتىلىق ساھەلەردىن رايوننىڭ توكلۇق ئاپتوموبىل باتارېيەسى ۋە كۈنتاختا ماتېرىياللىرى ئىشلەپچىقىرىشىغا نۇرغۇن مەبلەغ سالغان بولسىمۇ، يېقىنقى بىر نەچچە ئايدىن بېرى بۇ ماتېرىياللارنىڭ باھاسى قاتتىق چۈشۈپ كېتىپ، مەھسۇلات ئېھتىياجدىن ئارتىپ كېتىشتەك مەسىلىگە دۇچ كەلگەن.