ئۇيغۇر ئېلىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە توشۇپ كېتىلگەن ئومۇمىي توك مىقدارى 740 مىليارد 800 مىليون كىلوۋات سائەتكە يەتكەن
2024.01.18
خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىن تارقىتىلغان خەۋەردىن قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلى خىتاي ئۆلكىلىرىنى تەمىنلىگەن ئومۇمىي توك مىقدارى 740 مىليارد 800 مىليون كىلوۋات سائەتكە يەتكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ پۈتۈن خىتايدىكى 1 مىليارد 400 مىليون ئادەم 230 كۈن ئىشلىتەلەيدىغان توك مىقدارىنى كۆرسىتىدىكەن ھەمدە يەنە 224 مىليون 90 مىڭ توننا ئۆلچەملىك كۆمۈرنى كۆيدۈرگەنگە باراۋەر ئىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى 2010-يىلىدىن باشلاپ «غەربنىڭ توكىنى شەرققە يۆتكەش» ئىستراتېگىيەسى يولغا قويۇلۇپ 12 يىلدىن كېيىن، ئۇيغۇر ئېلى خىتاي ئۆلكىلىرىنى توك بىلەن تەمىنلەيدىغان ئەڭ چوڭ «ئېلېكتىر ئىستانسىسى» غا ئايلانغانىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، «غەربنىڭ توكىنى شەرققە يۆتكەش» پىلانىدىكى ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى كۆمۈر ئېلېكتىر ئىستانسىسى بولۇپ، مۇھىتنى قوغدىغۇچىلار بۇنچىلىك كۆپ توك ئىشلەپچىقىرىشتا سەرپ قىلىنىدىغان كۆمۈر سەرپىياتىنىڭ ھاۋا، سۇ ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى تېخىمۇ ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ كەلگەن.
دەرۋەقە يۇقىرىدىكى خەۋەردىمۇ، خىتاي ئۆلكىلىرىگە توشۇلغان بۇ 740 مىليارد 800 مىليون كىلوۋات سائەت توكنىڭ پەقەت ئوتتۇز پىرسەنتىنىڭ يېشىل ئېنېرگىيە ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان.
خەۋەردە يەنە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ «كۆمۈر، شامال، قۇياش ئېنېرگىيەسى قاتارلىق ئېنېرگىيە بايلىقى بويىچە خىتاينىڭ مۇھىم ئۇنىۋېرسال ئېنېرگىيە بازىسى ئىكەنلىكى» تەكىتلىنىپ، ئېنېرگىيە يەتكۈزۈش قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ داۋاملىق تاماملىنىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان.