دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 8-نويابىر بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ چېخىيە پايتەختى پىراگادا ئۆتكۈزۈلىدىغان 7-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىنىڭ كۈنتەرتىپىنى ئېلان قىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، قۇرۇلتاي بىلەن بىر ۋاقىتتا «چېخىيە ئۇيغۇر كۈنلىرى» نى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدىكەن. باياناتتا، بۇ پائالىيەتلەرنىڭ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى، كىتاب يەرمەنكىسى، كۆرگەزمە، ئاممىۋى مۇنازىرە، ياشلارنى تەربىيەلەش كۇرسى، ئۇيغۇرلارغا ئائىت ھۆججەتلىك فىلىم قويۇش قاتارلىق شەكىللەردە ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.
12-نويابىردىن 14-نويابىرغىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ نۆۋەتلىك قۇرۇلتايدا 25 دۆلەتتىن كەلگەن 200 دىن ئارتۇق ۋەكىل د ئۇ ق نىڭ 32 كىشىلىك يېڭى رەھبەرلىك ھەيئىتىنى سايلاپ چىقىدۇ. باياناتتا، قۇرۇلتايدا دېموكراتىك ئۆلچەملەرگە ئەمەل قىلىنىشى ئۈچۈن قۇرۇلتاينىڭ مۇستەقىل كۆزەتكۈچىلەر تەرىپىدىن نازارەت قىلىنىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. مەلۇم بولۇشىچە، 11-نويابىر كەچلىك قارشى ئېلىش زىياپىتى، كىتاب يەرمەنكىسى، ئۇيغۇر كرىزىسىغا ئائىت كۆرگەزمىسى بولۇپ، 12-نويابىر «ئۇيغۇر ھەقلىرى: جاۋابكارلىققا تارتىشنىڭ يوللىرى» ناملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدىكەن.
باياناتتا يەنە «چېخىيە ئۇيغۇر كۈنلىرى» پائالىيىتىنىڭ خايبېرىنسكا لاگېرىدا لاگېر شاھىتى ئۆمەر بېكئالى بىلەن بولىدىغان ئاممىۋى مۇنازىرە، «شى جىنپىڭ دەۋرىدىكى شىنجاڭ سىياسىتى: تەسىرى ۋە ئىجرائاتى»» ناملىق مۇھاكىمە يىغىنى، جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى دوكتور شون روبېرتسنىڭ «ئۇيغۇرلارغا قارشى ئۇرۇش: تېروررلۇققا قارشى تۇرۇش نامىدىكى مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» ناملىق كىتابى توغرىسىدىكى سۆھبەت، «ھەدەمنى ئىزدەپ» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم قويۇش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.