ئۇيغۇر رايونىدىن تەشكىللەنگەن مەدەنىيەت ئۆمىكى ياۋروپادىن قايتتى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2016.05.31

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 30-مايدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلار رايونىدىن تەشكىللىگەن مەدەنىيەت ئۆمىكى فىرانسىيە ۋە گېرمانىيەدە بىر قاتار لېكسىيە پائالىيەتلىرىنى تاماملاپ، شۇ كۈنى بېيجىڭغا قايتقان.

خىتاي دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى قارمىقىدىكى ئىنسان ھەقلىرى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى خۇاڭ جۈنشيەن باشلاپ بارغان بۇ ئۆمەك بىر ھەپتىلىك لېكسىيە جەريانىدا فىرانسىيەنىڭ پارىژ ۋە ستراسبورگ شەھەرلىرىدە، گېرمانىيەنىڭ بېرلىن ۋە ميۇنخېن شەھەرلىرىدە نۇقتىلىق قىلىپ ئۇيغۇرلار دىيارىدا خىتاي كومپارتىيىسى ھۆكۈم سۈرگەن مەزگىلدە قانداق زور ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلگەنلىكىنى ياۋروپا جامائىتىگە تەشۋىق قىلغان.

خۇاڭ جۈنشيەن بۇ ھەقتە توختىلىپ، «بىز بۇ جەرياندا فىرانسىيە ۋە گېرمانىيەدىكى ئالاقىدار ئورگانلار ۋە شەخسلەرنىڭ ئۇيغۇرلار رايونى ھەققىدىكى چۈشەنچىسىدە مۈجمەل بولۇۋاتقان بەزى تەرەپلىرىنى يورۇتۇپ بېرىشكە تىرىشتۇق» دېگەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىيومىز خىتاي بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، «خىتاي ھۆكۈمىتى مۇشۇ خىلدىكى مەدەنىيەت ئۆمەكلىرىدىن پايدىلىنىپ ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتقانلىقىنى ئاقلىماقچى، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قارشى چىقىشىدىكى ھەقىقىي سەۋەبلەرنى بۇرمىلىماقچى» دېگەن.

دىلشات رىشىتنىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر ئۆمەكنىڭ ميۇنخېننى لېكسىيە بېرىش نۇقتىلىرىنىڭ بىرى قىلىپ تاللىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب دەل «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» نىڭ باش ئورگىنى ميۇنخېن شەھىرىدە بولغانلىقى ئىكەن. چۈنكى لېكسىيە بەرگۈچىلەرنىڭ ئۆز نۇتۇقلىرىدا د ئۇ ق نى ئاساسلىق ھۇجۇم نىشانى قىلغانلىقى يەرلىك مەتبۇئاتلاردا ئورۇن ئالغانلىقى مەلۇم.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.