خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى «خىتايچىلاشتۇرۇش» قا تىرىشماقتا

مۇخبىرىمىز سادا
2019.07.10

نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يوق قىلىشقا ئۇرۇنۇشى خەلقئارادا كۈچلۈك قارشىلىقلارنى پەيدا قىلىۋاتقان پەيتتە، بېيجىڭ دائىرىلىرى يېقىندا ئۇيغۇر دىيارىدىن ئېلىپ كەلگەن 191 دانە مەدەنىيەت بۇيۇمىنى كۆرگەزمىگە قويغان ۋە بۇ ئارقىلىق رايوننىڭ ئەزەلدىن خىتاي تېررىتورىيەسى ئىكەنلىكىنى تەشۋىق قىلغان.

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئاۋازى بولغان «يەرشارى ۋاقتى» گېزىتىنىڭ 10-ئىيۇلدىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان مۇناسىۋەتلىك ماقالىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بېيجىڭ دائىرىلىرى كۆرگەزمە بۇيۇملىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر دىيارىنىڭ خىتاينىڭ خەن سۇلالىسى دەۋرىدىن باشلاپلا خىتاي تېررىتورىيەسىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى، «جاڭ چىيەننىڭ غەربكە سەپەر قىلىشىنىڭ» «يىپەك يولى» نىڭ قۇرۇلۇشىغا زور تۆھپە قوشقانلىقىنى تەكىتلەشكەن.

كۆزەتكۈچىلەر بۇنىڭغا قارىتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا «شىنجاڭ ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ بىر قىسمى»، بۇ جايدا ئەزەلدىنلا كۆپ مىللەت، كۆپ خىل مەدەنىيەت ۋە كۆپ خىل دىنلار مەۋجۇت بولغان، ئۇيغۇرلار بۇ جايغا كۆچۈپ كەلگەن، خىتايلار ئەزەلدىن شىنجاڭدا ياشىغان دېگەندەك «تەشۋىقات» لىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

خەۋەردە يەنە كۆرگەزمىگە قويۇلغان سۈرەتلەر ئىچىدىن تۇرپاندىكى بىر قەبرىنىڭ سۈرىتىنىڭمۇ بارلىقى ئېيتىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى مەزكۇر سۈرەتتىن شۇ يەرلىك كىشىلەرنىڭ كىيىم-كېچەكلىرى ۋە ئىشلەتكەن بۇيۇملىرىنىڭ خىتايدىكى خۇاڭخې دەرياسى بويىدا ياشايدىغان خىتاي پۇقرالار بىلەن ئوخشاشلىقى بارلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان.

نۆۋەتتە، ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇر تىل-يېزىقى، مەدەنىيىتىنىڭ ئورنىنى خىتاي تىلى ۋە مەدەنىيىتى ئىگىلىۋاتقان، ئۇيغۇر زىيالىيلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نىشانلىق زەربە بېرىش ئوبيېكتىغا ئايلىنىۋاتقان پەيتتە، بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ يۇقىرىقىدەك كۆرگەزمىلەرنى ئۇيۇشتۇرۇشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

ئۇلار، بۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى پۈتۈنلەي «خىتايچىلاشتۇرۇپ»، ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى تۈپتىن يوق قىلىش، ئۇيغۇرلاردا «جۇڭخۇا مەدەنىيىتى» ۋە «جۇڭخۇا مىللىتى» كىملىكىنى تۇرغۇزۇشقا ئۇرۇنۇشىنىڭ روشەن ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.