«ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداش خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى»نىڭ قارشى ئېلىش پائالىيىتى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلدى

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2022.12.08
«ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداش خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى»نىڭ قارشى ئېلىش پائالىيىتى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلدى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى دوكتۇر رىشات ئابباس ئەپەندى ئچىلىش نۇتقى سۆزلىمەكتە، 2022-يىلى 8-دېكابىر، ۋاشىنگتون.
Photo: RFA

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى داۋام قىلىۋاتقان بۇ كۈنلەردە، 8-دېكابىر كۈنى ئامېرىكانىڭ جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداش خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى»نىڭ قارشى ئېلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ پائالىيەتكە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىدىكى يوقۇرى دەرىجىلىك ئەربابلارمۇ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن بولۇپ، بەزىلىرى نەق مەيداندا سۆزلىگەن بولسا، بەزىلىرى تور ئارقىلىق كۆڭۈل سۆزلىرىنى بايان قىلدى. 

IMG_9385.JPG

9-دېكابىر «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىق كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنى ئۇيغۇر ئاكادىمىيەسى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان؛ جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى، ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتى،  درەكسېل ئۇنىۋېرسىتېتى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى، ئۇيغۇر ھەرىكىتى، ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى، ئۇيغۇر پروجېكتى فوندى، يىپەك يولى تىنچلىق پروجېكتى، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى قاتارلىق كۆپلىگەن ئورۇن ۋە تەشكىلاتلار قوللىغان ۋە ياردەم بەرگەن.   

ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ياڭ كىم بۇ قارشى ئېلىش پائالىيىتىگە تور ئارقىلىق تەبرىك سۆزى يوللاپ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە زەربە بېرىدىغانلىقىنى، «ئۇيغۇر سىياسىتى قانۇن لايىھەسى»نىڭ دەل شۇنىڭ ئۈچۈن تۈزۈلگەنلىكىنى ۋە ئامېرىكانىڭ بۇ يولدا داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

9bbe47ad-8482-422a-be67-db9583ddc99d.jpeg

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىسىترلىكى دېموكراتسىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەمگەك بيۇرۇسىنىڭ مۇئاۋىن كاتىپى سكوت باسبى (Scott Busby) نەق مەيداندا سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ گۈزەل مەدەنىيىتىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، مۇشۇنداق خەتەرلىك ئەھۋالدا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر كىملىكى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداش ئۈچۈن بىرلىكتە كۈرەش قىلىشى كېرەكلىكىنى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭمۇ بۇ يولدا تېگىشلىك بۇرچىنى ئادا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

IMG_9429.JPG

تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنىزمۇ ئالقىش سادالىرى ئىچىدە سۆزگە چىقىپ، خىتاينىڭ ھازىر ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ئۇنى «نورماللاشتۇرۇش» يولىغا قەدەم قويغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» يۈرگۈزۈۋاتقان بۇ ۋەزىيەتتە چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇپ ئۆز مەدەنىيىتىنى نامايەن قىلىشى، ئۆز مەدەنىيىتى ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەتتىكى مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملىق قوغدىشىنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

min.png

بۇ قېتىمقى كۈتىۋېلىش پائالىيىتىنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭ يارقىن نامايەندىلىرىدىن بولغان ئۇيغۇر تائاملىرى، ئۇيغۇر ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرى، ئۇيغۇر دىيارىغا ئائىت سۈرەت ۋە رەسىملەر تونۇشتۇرۇلدى. ۋىرجىنىيەدىكى «ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپى»نىڭ ئۆسمۈر ئوقۇغۇچىلىرى كۆركەم سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسەتتى.  

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.