خىتاي ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر مەھەللىرىنىڭ چېقىلىشىنى «تەرەققىيات» دەپ چۈشەندۈرگەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-04-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

«ۋول-سىترىت ژۇرنىلى» گېزىتىنىڭ 10-ئاپرېل كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۈرۈمچىدىكى كونا ئۇيغۇر مەھەللىرىنىڭ چېقىشنى ۋە كوچىلاردىكى ساناقسىز كامېرالارنى «تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش» دەپ چۈشەندۈرگەن.

«ۋول-سىترىت ژۇرنىلى» گېزىتىنىڭ مۇخبىرلىرى ئۆتكەن يىلى 11-ئايدا ئۇيغۇر ئېلىدە قىلغان زىيارىتى داۋامىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى نۇرغۇن ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنىڭ چېقىلىپ، تاشلاندۇق جايغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى. ھالبۇكى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئۇچۇر-ئاخبارات ئىشخانىسى ئالدىنقى جۈمە كۈنى مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا قايتۇرغان يازما ئىنكاسىدا بۇ ئۇيغۇر مەھەللىرىنىڭ چېقىلىش سەۋەبىنىڭ بەزىلەر ئىلگىرى سۈرگەندەك ئۇيغۇرلارنى تارقاقلاشتۇرۇۋېتىش ۋە كونترولنى قۇلايلاشتۇرۇش ئەمەس، بەلكى كونا ئۆيلەرنى چېقىپ تۈزەپ، رايونغا تەرەققىيات ئەكېلىش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۇلار يەنە يازما ئىنكاسىدا ئۈرۈمچىدىكى مەسچىتلەرگە كامېرا ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى سەۋەبنى يېڭى زېلاندىيەدىكى مەسچىتتە يۈز بەرگەن قانلىق ھۇجۇمغا باغلاپ، «مەزكۇر قانلىق ۋەقە دىنىي سورۇنلاردا كۈچلۈك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئىسپاتلاپ تۇرماقتا» دېگەن ۋە بۇ كامېرالارنىڭ مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ دىنىي پائالىيەتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈنلۈكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

مەزكۇر گېزىت مۇخبىرلىرى يەنە ئۈرۈمچىدىكى زىيارىتى داۋامىدا ئەسلىدە ئۈرۈمچىنىڭ ئەڭ قايناق مەركەزلىرىدىن دۆڭكۆۋرۈك ئەتراپىدىكى ناۋايلارنىڭ يوقاپ كېتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا «نان مەدەنىيىتى باغچىسى» نامىدىكى بىر باغچە ياسالغانلىقىنى كۆرگەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى مەزكۇر باغچىغا 50 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، بۇ يەردە ئۇيغۇرلاردىن 1000 دىن ئوشۇق كىشىگە ئىش بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. «ۋول-سىترىت ژۇرنىلى» گېزىتىنىڭ مۇخبىرلىرى ئۇلاردىن «بۇ سۈنئىي بەرپا قىلىنغان باغچىلاردا ئىشقا سېلىنىۋاتقانلار لاگېردىن چىققان كىشىلەرمۇ؟» دەپ سورىغان. بىراق دائىرىلەر سوئالغا جاۋاب بەرمىگەن.

مۇخبىرلار 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئۈرۈمچىگە قىلغان زىيارىتى داۋامىدا ئۈرۈمچىدىكى نوپۇسنىڭ بىر يىل بۇرۇنقىغا قارىغاندا كۆپ شالاڭلاپ كەتكەنلىكىنى بايقىغان. دائىرىلەر «ۋول-سىترىت ژۇرنىلى» گېزىتىنىڭ مۇخبىرلىرىنى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەرقايسىي مىللەتلەرنىڭ نوپۇس نىسبىتى بويىچە قىلىنغان ئىستاتېسكا بىلەن تەمىنلەشنى رەت قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۈرۈمچى نوپۇسلۇق ئۇيغۇرلار سانىنىڭ 2016-يىلىدىكى 12. 53 پىرسەنتتىن 2018-يىلىدىكى 12. 92 پىرسەنتكە ئۆرلىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بىراق ئۇلار خىتاي نوپۇسى ۋە كۆچمەن بولۇپ كەلگەن خىتاي نوپۇسىنىڭ قانچىلىك ئۆرلىگەنلىكى ھەققىدە توختالمىغان.

ھالبۇكى، «ۋول-سىترىت ژۇرنىلى» گېزىتىنىڭ مۇخبىرلىرى ئۇيغۇر مەھەللىرىدە ئادەمنىڭ كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئازىيىپ كەتكەنلىكىنى بايقىغان. بىر ئۇيغۇر مۇخبىرلارغا «بۇرۇن بۇ كوچىلاردا ھەپتە ئاخىرىدا ئادەملەر پاتماي قالاتتى. ھازىر كوچىلار قۇپقۇرۇق بولۇپ قالدى» دېگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت