ئامېرىكانىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» بۇ يىل 6-ئايدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنغاندىن كېيىن خىتايدىن ئامېرىكاغا ئېكسپورت قىلىنىدىغان ماللار، بولۇپمۇ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق ماللارنىڭ ئېكسپورت مىقدارى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىگەن.
«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ 21-دېكابىر كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تاموژنىسى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى كارخانىلار 11-ئايدا ئامېرىكاغا ئېكسپورت قىلغان ماللارنىڭ قىممىتى 16 مىليون 840 مىڭ دوللار ئەتراپىدا بولۇپ، ئۆتكەن يىل 11-ئايغا قارىغاندا 64 پىرسەنت تۆۋەنلىگەن.
ئۇيغۇر رايونىدىن چىقىدىغان پاختا خىتايدىكى پاختىنىڭ 90 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، خىتايدىن ئامېرىكاغا ئېسكپورت قىلىنىدىغان ماللار ئىچىدە كىيىم-كېچەك ئاساسلىق ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن. ئەمما 11-ئايدا ئېكسپورت قىلىنغان كىيىم-كېچەك بىراقلا تۆۋەنلەپ، 2017-يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن ھالەتكە چۈشۈپ قالغان. 11-ئايدا ئامېرىكاغا چىقىرىلغان ماللار ئىچىدە كىيىم-كېچەك 3 پىرسەنتكىمۇ يەتمىگەن. ئەمما ماشىنا سايمانلىرى، ئۆي جاھازلىرى، كارىۋات بۇيۇملىرى قاتارلىقلار كۆپ نىسبەتنى ئىگىلىگەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، كوۋىد سەۋەبىدىن خىتاينىڭ ئىقتىسادىمۇ ئېغىر دەرىجىدە چېكىنگەن بولۇپ، ئامېرىكاغا مال ئېكسپورت قىلىش مىقدارى ئۆتكەن 4 ئايدا داۋاملىق چۈشكەن؛ 11-ئايدىكى مال ئېسكپورت مىقدارى ئۆتكەن يىلدىكىگە قارىغاندا 25 پىرسەنت تۆۋەنلىگەن.
