ئاۋام پالاتا ئەزاسى ياڭ كىم: «ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن پايدا ئېلىۋاتقان ئامېرىكا شىركەتلىرى ئۈستىدە ئويلىنىشىمىز كېرەك»

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئىرادە تەييارلىدى
2024.02.13

ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى ياڭ كىم خانىم ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن پايدا ئېلىۋاتقان ئامېرىكا شىركەتلىرى ئۈستىدە ئەستايىدىل ئويلىنىشنى تەلەپ قىلغان.

ياڭ كىم خانىم 12-فېۋرال كۈنى فوكۇس تېلېۋىزىيەسىدە قىلغان بىر سۆزىدە، ئامېرىكانىڭ خىتايغا سەزگۈر تېخنىكىلارنى ئېكسپورت قىلىشنى قاتتىق كونترول قىلىشى لازىملىقىنى، بىراق بۇنىڭغا بىر قىسىم ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ ماسلاشمايۋاتقانلىقى ھەققىدە توختالغان. ئۇ يەنە بۇ شىركەتلەرنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىنمۇ پايدا ئېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن:

 «بۇ شىركەتلەر شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن پايدىلىنىۋاتىدۇ. ئۇلار ھەتتا ئۇنىڭغا مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق ئەرزان ئەمگەكتىن مەنپەئەتلىنىۋاتىدۇ. بىز خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بۇ يەردە ئۇيغۇرلارغا ئېغىر زۇلۇم سېلىۋاتقانلىقىنى بىلىمىز. شۇنىسى ئېنىقكى، بىز خىتايغا سەزگۈر تېخنىكىلارنى ئېكسپورت قىلىشنى چەكلەشتە مەغلۇپ بولۇۋاتىمىز. »

ياڭ كىم خانىم بۇ ھەقتىكى بايانىدا، ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ خىتايدىكى ئەرزان باھالىق ئەمگەك كۈچىدىن پايدىلىنىشى ۋە خىتاينىڭ تېخنىكا شىركەتلىرىگە مەبلەغ سېلىش مەسىلىسى ئۈستىدە ئەستايىدىل مۇلاھىزە يۈرگۈزۈلۈشى لازىملىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە ئەسكەرتىپ، «خىتاي كومپارتىيەسىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن تەدبىرلىرىمىزنى قاتتىق چىڭىتىشىمىز كېرەك. شېرىك دۆلەتلەر بىلەن ئورتاق ھەرىكەت قىلىشنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز ۋە بۇ تەھدىتكە تەڭ تاقابىل تۇرۇشىمىز كېرەك» دېگەن.

ئاۋام پالاتا ئەزاسى ياڭ كىم خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئاكتىپ قوللىغۇچىلىرىنىڭ بىرى. ئۇ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە «ئۇيغۇر سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» نى تونۇشتۇرۇپ، ئۇنىڭ قانۇنغا ئايلىنىشى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.