خىتاي ھۆكۈمىتى غەرب ئەللىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە قويۇشىغا قارشى دىپلوماتىك ھۇجۇمغا ئۆتكەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-01-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى مۇسۇلمانلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ۋە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتىنى تەنقىد قىلغان غەرب دۆلەتلىرىگە قارىتا دىپلوماتىك ھۇجۇمنى كۈچەيتكەن.

«ۋال سترېت ژۇرنىلى» گېزىتىنىڭ 11‏-يانۋار خەۋىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي دىپلوماتلىرى يېقىندىن بېرى بەزى دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەتلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇلاردىن ب د ت دا خىتاينىڭ «شىنجاڭ سىياسىتى»نى تەنقىد قىلماسلىقنى تەلەپ قىلغان. ۋەقەدىن خەۋەردار دىپلوماتلار «ۋال سترېت ژۇرنىلى »گە بەرگەن ئۇچۇرىدا خىتاينىڭ بۇ خىل دىپلوماتىك پائالىيەتلىرى ئۆتكەن يىلى 11‏-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ يىغىنىدىن بۇرۇن باشلانغانلىقى، ئۇنىڭ ئۆتكەن يىلى 12‏-ئايدا 3 دۆلەتكە رەسمىي دىپلوماتىك تەلەپلەردە بولغانلىقى، بۇ دۆلەتلەرنىڭ بىرىنىڭ ئاسىيادا، ئىككىسىنىڭ ياۋروپا ئىكەنلىكىنى، ياۋروپادىكى دۆلەتلەرنىڭ بىرىنىڭ بېلگىيە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي دىپلوماتلىرى يەنە باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرىدىمۇ نۇرغۇن غەيرىي رەسمىي دىپلوماتىك ئۇچرىشىشلاردا بولۇپ، بۇ دۆلەتلەردىن خىتاينى ئاشكارا تەنقىد قىلماسلىقنى تەلەپ قىلغان. خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، دىپلوماتلار خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىنى، ئۇنىڭدىكى باشقا دۆلەتلەر ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنى پەۋقۇلئاددە يىغىنغا چاقىرىپ، «شىنجاڭ مەسىلىسى»نى مۇزاكىرە قىلىشنى تەلەپ قىلىپ قالارمۇ؟ دېگەن ئەندىشىلەرنىڭ پەيدا قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ نىزامنامىسى بويىچە، ئەگەر ئۇنىڭغا ئەزا 47 دۆلەتنىڭ 16 سى پەۋقۇلئاددە يىغىن چاقىرىپ، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى مۇزاكىرە قىلىشنى تەلەپ قىلسا بولىدىكەن. يېقىندا بەزى دۆلەتلەر ئەزا دۆلەتلەرنى پەۋقۇلئاددە يىغىنغا چاقىرىپ، روھىنگا مۇسۇلمانلىرىنىڭ تەقدىرى ۋە سۈرىيە كرىزىسىنى مۇزاكىرە قىلغان ئىدى. «ۋال سترېت ژۇرنال» گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بەزى پائالىيەتچىلەر ۋە دىپلوماتلار، نۇرغۇن دۆلەتلەر كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە خىتاينى تەنقىد قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرسىمۇ، لېكىن بېيجىڭنىڭ بۇ خىل تەلەپلەردە بولۇشى «شىنجاڭ مەسىلىسى»دە خەلقئارا نارازىلىقنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنىڭ سىگنالى»، دەپ كۆرسەتكەن. خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى سىياسىتى يېقىندىن بېرى بەزى مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدىكى بىر قىسىم جامائەتلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاشقا باشلىغان. 10‏-يانۋار كۈنى بانگلادەشتە ئۇيغۇرلارنى قوللاپ، خىتايغا قارشى خېلى زور كۆلەملىك نامايىش پارتلىغان. بۇ بانگلادەشتىكى بەزى دىنىي جامائەتلەرنىڭ يېقىنقى 2 ئاي ئىچىدە ئۇيغۇرلارنى قوللاپ ئېلىپ بارغان ئىككىنچى قېتىملىق نامايىشى ئىدى. «ۋال سترېت ژۇرنىلى» گېزىتى خىتاي دىپلوماتلىرىنىڭ ئاسىيادىكى قايسى دۆلەتكە دىپلوماتىك تەلەپ قويغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان. لېكىن خەۋەردە، كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى سوفىيە رىچاردسوننىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلگەن. رىچاردسون: «بۇ، خىتاينىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق مېخانىزمىدىن قېچىپ، خىتايغا ئالاقىدار ئىشلارنى ھەقىقىي تۈردە ھەل قىلماسلىققا كاپالەتلىك قىلىشتىكى بىر ئۇسۇلى» دېگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت