بوررىس جونسون خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقىنى «ئىنتايىن يىرگىنچلىك» دېدى

ئەنگلىيە باش مىنىستىرى بوررىس جونسون ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان زۇلۇمنىڭ خاراكتېرىنى بەلگىلەش «ئەدلىيە مەسىلىسى» دەپ كۆرسەتكەن.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زۇلۇمىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ بېكىتكەندىن كېيىن، ئەنگلىيە باش مىنىستىرى بوررىس جونسونمۇ بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا دۇچ كەلگەن. ئۇ 20-يانۋار چارشەنبە كۈنى ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرىغا سۆز قىلغاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زۇلۇمىنى «ئىنتايىن يىرگىنچلىك» دەپ تەسۋىرلىگەن بىراق ئۇ زۇلۇمنىڭ خاراكتېرىنى بەلگىلەشنىڭ ئەدلىيەنىڭ ئىشى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.

«پولىتكو» گېزىتىنىڭ ئېيتىشىچە، ئەنگلىيەدىكى شوتلاندىيە مىللىي پارتىيەسىنىڭ ۋېستمىنىستېر رەھبىرى ئىئان بىلاكفورد ئەنگلىيەنىمۇ ئامېرىكىنىڭ بۇ قارارىغا ئەگىشىشكە چاقىرغان. بوررىس جونسون بۇنىڭغا جاۋاب قايتۇرۇپ مۇنداق دېگەن: «مەن بۇنى ئەدلىيە مەسىلىسى دەپ قارايمەن. لېكىن شەخسەن ئۆزۈم شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار ۋە ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنى پۈتۈنلەي يىرگىنچلىك دەپ قارايمەن. مەن ئاۋام پالاتاسىنىڭ ھەرقايسى ئەزالىرىنىڭمۇ مەن بىلەن ئوخشاش قاراشتا ئىكەنلىكىنى بىلىمەن».

بوررىس جونسون يەنە 12-يانۋار ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دومىنىك رائاب ئېلان قىلغان قارارلارنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ؛ «ئەنگلىيەنىڭ شىنجاڭدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ئاساسىدىكى تاۋارلارنى كىرگۈزۈشىنى چەكلەش ھەققىدە تەدبىر قوللاندى»، دېگەن.

19-يانۋار كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو بۇ قارارنى ئېلان قىلغاندا يەنىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنى ئامېرىكادەك قارار ئېلىشقا چاقىرغانىدى.