كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى: «باشقا دۆلەتلەر تۈركىيەدەك ئۇيغۇرلارنى قوغدىشى كېرەك»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-02-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى 10‏-فېۋرال تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى باياناتىغا يۈكسەك باھا بېرىپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى تۈركىيەدەك قوغدىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئاناتولىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى كېننىس رۇس 10‏-فېۋرال تۋىتىردا تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى باياناتىغا ئىنكاس بىلدۈرگەن.

ئۇ بۇنىڭ ناھايىتى زور ۋەقە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «تۈركىيە خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قاراتقان قورقۇنچلۇق قىلمىشىنى تەنقىد قىلغان مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىقتىكى تۇنجى ۋە ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ بىرى» دېگەن.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 9‏-فېۋرال كۈچلۈك بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان شۇنىڭدەك خىتاينى لاگېرلارنى تاقاشقا چاقىرىپ، ب د ت ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنى بۇ ئىشقا ئارىلىشىشقا ئۈندىگەن.

باياناتتا يەنە ئاتاقلىق مۇزىكانت ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ ۋاپات بولغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەردىن چۆچۈگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى 10‏-فېۋرال ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ ھايات ئىكەنلىكىگە ئائىت ۋىدىيونى ئېلان قىلىپ، تۈركىيەنىڭ تەنقىدلىرىنى رەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ۋىدىيو ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ تەقدىرى ھەققىدە تېخىمۇ چوڭ غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى.

كېننىس رۇس باياناتىدا، تۈركىيەنىڭ «شىنجاڭدىكى تراگېدىيە ئىنسانىيەت ئۈچۈن بىر نومۇس» دېگەنلىكىگە يۈكسەك باھا بېرىپ، «تۈركىيەنىڭ (ئۇيغۇرلارنىڭ) جازا مەركەزلىرىدە ۋە تۈرمىلەردە تەن جازاسى ھەم مېڭە يۇيۇشقا مەھكۇم بولۇۋاتقانلىقىنى بايقىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، «كېيىنكى قەدەمدە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارغا سېلىۋاتقان زۇلۇمىغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشى كېرەك» ئىكەن.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 9‏-فېۋرال ئېلان قىلغان باياناتى خەلقئارادا زور غۇلغۇلا قوزغىدى.

مەزكۇر بايانات، تۈركىيەنى ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە كۆز يۇمۇش بىلەن ئەيىبلەپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا ئۈمىد بېغىشلىغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت