د ئۇ ق ۋەكىلى: «بىز ب د ت ۋە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىمىز»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-03-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 43‏-نۆۋەتلىك يىغىنىدا سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ لاگېرلارنى تاقىشى، لاگېرلاردىكى مىليونلىغان بىگۇناھ تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىشى، شۇنداقلا ب د ت ۋە دۇنيا سەھىيە ئورگانلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا چەكلىمىسىز تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇشىنى تەلەپ قىلغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى زۇمرەتئاي ئەركىن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 9‏-مارت كۈنى جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنىدا گېرمانىيە «تەھدىت ئاستىدىكى خەقلەر جەمئىيىتى» گە ۋاكالىتەن سۆز ئېلىپ، يۇقىرىقى چاقىرىقنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك يىغىنى 24‏-فېۋرال باشلانغان. زۇمرەتئاي ئەركىن يىغىندا «خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىنسان ھاياتىنى سىياسەت ۋە يۈز خاتىرىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇشى كېرەكلىكى» نى تەكىتلەپ، «لاگېرلارنى تاقاشقا، خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنغان مىليونلىغان بىگۇناھ كىشىلەرنى قويۇپ بېرىشكە، ب د ت ۋە خەلقئارا سەھىيە ئورگانلىرىنىڭ كېچىكىپ قېلىشتىن بۇرۇن رايوندا چەكلىمىسىز تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇشقا چاقىرىمىز» دېگەن.

ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى لاگېردىكى تۇتقۇنلار قويۇپ بېرىلدى، دەپ ئېلان قىلغان بولسىمۇ، لېكىن دەلىللەر تۇتقۇنلارنىڭ كارخانىلاردا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەنلىكى، شۇنداقلا كورونا ۋىرۇسىنىڭ لاگېرلاردىكى مىليونلىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارغا خەۋپ يەتكۈزۈۋاتقانلىقىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇ كرىزىسقا كۆرسەتكەن ئىنكاسىدىن قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان مەزكۇر يىغىنى 20‏-مارتقا قەدەر داۋاملىشىدۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت