يېڭى زېلاندىيە ئەمەلدارى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

يېڭى زېلاندىيەنىڭ يەرلىك مىللەتتىن بولغان تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى نانايا ماخۇتا (Nanaia Mahuta) 3-ئاينىڭ 25-كۈنى خىتاينى زىيارەت قىلغاندا ئېلان قىلغان باياناتىدا، يېڭى زىنلاندىيەنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

«رۇيترېس ئاگېنتلىقى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نانايا ماخۇتا 3-ئاينىڭ 25-كۈنى خىتايدىكى ئۈچ كۈنلۈك زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغان. بۇ يېڭى زىنلاندىيە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ 2019-يىلدىن بۇيان خىتايغا قىلغان تۇنجى زىيارىتى ھېسابلىنىدىكەن.

نانايا ماخۇتا بۇ زىيارەتتە خىتاينىڭ تاشقىي ئىشلارغا مەسئۇل دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشۈپ، خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىز ۋە تەيۋەن بوغۇزىدىكى ھەربىي ھەرىكىتىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقى، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان ھۇجۇمىنى ئەيبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ باياناتىدا يەنە مۇنداق دېگەن: «يېڭى زېلاندىيە شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا، خوڭكوڭلۇقلارنىڭ دېموكراتىيەسى ۋە ئەركىنلىكىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىدۇ» دېگەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، ئەنگىلىيە، كانادا ۋە يېڭى زېلاندىيەدىن تەشكىللەنگەن «بەش كۆز ئىستىخبارات ئىتتىپاقى» ئىچىدە يېڭى زېلاندىيە خىتاي بىلەن ياخشى ئۆتۈۋاتقان دۆلەت ئىدى. ئۆتكەن يىل 5-ئايدا، خىتاي سولومون تاقىم ئاراللىرى دۆلىتى بىلەن خەۋپسىزلىك كېلىشىمى ئىمزالىغاندىن كېيىن، يېڭى زېلاندىيە خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىز، ھەتتا تىنچ ئوكياندا كۈچىيىۋاتقان ھەربىي تەھدىتىگە قارشى مەيدانغا ئۆتكەن.