LIGB يىغىنىدا ئۇيغۇر رايونىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ «بىر يول بىر بەلباغ» بىلەن ئالاقىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2019.04.03

لوندوندىكى LIGB ، يەنى «خەلقئارا ئەركىنلىك-برىتانىيە شۆبىسى» نىڭ تور بېتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2‏-ئاپرىل كۈنى مەزكۇر تەشكىلات تەرىپىدىن «خىتاي ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى» دېگەن تېمىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلغان.


يىغىندا رايوننىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى ھەققىدە مەلۇماتلار سۇنۇلغان. مەلۇم بولۇشىچە، يىغىندا ئۇيغۇر رايونىنىڭ خىتاينىڭ چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىن تارتىپ، پەقەت خىتاي ھاكىمىيىتى كۈچلەنگەن مەزگىللاردىلا خىتايغا بېقىنىپ ۋە باشقۇرۇلۇپ كەلگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن. رايوندىكى ئاخىرقى ئىستىلانىڭ خىتاي كومپارتىيەسى ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن باشلانغانلىقى تىلغا ئېلىنغان بۇ يىغىندا 1950 يىللاردىن كېيىن رايونغا كەڭ كۆلەمدە پىلانلىق نوپۇس يۆتكەش ئېلىپ بېرىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ رايوندىكى نوپۇس ئۈستۈنلىكىنىڭ بۇزۇلغانلىقى تەكىتلەنگەن.


يىغىندا يەنە ئېغىر  زۇلۇم سەۋەبىدىن رايوندا ئۈزلۈكسىز نارازىلىق نامايىشلىرى ۋە ئىسيانلار كۆتۆرۈلگەنلىكى، بۇنىڭ ئىچىدە بەزى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ زورۋانلىق تۈسىدە داۋام قىلغانلىقى، خىتاينىڭ بۇنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ، «مۇقىملىق» تەدبىرلىرى سۈپتىدە يىغىۋېلىش لاگېرلىرى تەسىس قىلغانلىقى ۋە بۇ لاگېرلاردا 250 مىڭ بىلەن 2 مىليون ئارىلىقىدىكى كىشىلەرنىڭ سولانغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. لاگېرلارنىڭ «تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش» نامى ئاستىدا قۇرۇلغانلىقى، ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ شى جىنپىڭنىڭ «بىر يول بىر بەلباغ» پىلانىنى ئوڭشۇلۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەسىس قىلىنغانلىقى، بۇ لاگېرلاردا تۇتقۇنلارنى دىنىي ئېتىقادتىن ئۇزاقلاشتۇرۇش ۋە كومپارتىيەگە مەدھىيە ئوقۇشقا مەجبۇرلاۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. توردىكى مەزكۇر يىغىن ئۇقتۇرۇشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىغىندا راچېل ھاررىس، رەھىمە مەخمۇت قاتارلىق بەش نەپەر مۇتەخەسسىس ۋە پائالىيەتچى سۆز قىلغان.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.