ۋاشىنگتوندا «خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى» دېگەن تېمىدا دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

8-ئاپرېل ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا «خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى ئۇيغۇرلارنى رادىكاللاشتۇرىۋاتامدۇ» دېگەن تېمىدا دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا ئامېرىكىلىق ئوتتۇرا شەرق ۋە خىتايدىكى مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى، يېڭى «ئامېرىكا خەلقئارا بىخەتەرلىك پروگراممىسى» ۋەخپىنىڭ تەتقىقاتچىسى پاترىك مەيېر دوكلات بەرگەن.

ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلىساقلا نارازىلىق تۈگەيدۇ، رادىكاللىق كونترول قىلىنىدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى ۋە ئاساسىي نىشانىنى بۇنىڭغا قاراتقانلىقىنى كۆرسىتىپ، ئەمما ئۇنىڭ خەلقلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۆز-ئارا ئىززەت-ھۆرمەتكە سەل قارىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي، مەدەنىيىتى، مىللىي كىملىكىگە ھۆرمەت قىلماي تۇرۇپ، نوقۇل ماددىي تەرەققىيات بىلەن بۇ رايوندا مۇقىملىقنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدۇ. بۇ قېتىمقى دوكلات بېرىش يىغىنى ۋاشىنگتوندىكى «يېڭى ئامېرىكا خەلقئارا خەۋپسىزلىك پروگراممىسى» تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان.

«يېڭى ئامېرىكا خەلقئارا بىخەتەرلىك پروگراممىسى» ۋەخپى بۇ يىغىن ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشىدا، «خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى 20 يىلدىن بېرى ئۇيغۇر رايونىنىڭ شەرت-شارائىتىنى ياخشىلاشقا كۆپ كۈچ چىقارغان بولسىمۇ، ئەمما رايوندا زوراۋانلىق داۋاملىق ئەۋج ئالدى.

نەتىجىدە، خىتاي دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى قوزغاپ، ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى ئاجىزلاشتۇرۇشنى يولغا قويدى» دەپ كۆرسىتىپ، بۇ يىغىندا خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ قانچىلىك ئۈنۈم بەرگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.