گوللاندىيە ژۇرنىلى ئۇيغۇرشۇناس تىمۇتى گروسنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بىر كىتابقا يازغان ئوبزورىنى سېنزور قىلغان

گوللاندىيە برىلل نەشرىياتىغا قاراشلىق «خىتاي ۋە ئاسىيا» ژۇرنىلىنىڭ ئامېرىكالىق ئۇيغۇرشۇناس تىمۇتى گروسنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بىر كىتابقا يازغان ئوبزورىنى سېنزورلىغانلىقى ئاشكارىلاندى.

تىمۇتى گروسنىڭ 13‏-ماي «خىتاي قانىلى» ناملىق تورىدا ئاشكارىلىشىچە، «ئاسىيا ۋە خىتاي» ژۇرنىلى 2018‏-يىلى 1‏-ئايدا ئۇنىڭغا ئاۋسترالىيە دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى تام كلىفنىڭ خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى كەچمىشىگە دائىر «نېفىت ۋە سۇ» ناملىق كىتابىغا ئوبزور يېزىشنى ھاۋالە قىلغان. تىمۇتى گروس شۇ يىلى 11‏-ئايدا ئوبزورنى يېزىپ پۈتتۈرۈپ، ژۇرنالغا تاپشۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ژۇرنالنىڭ ئوبزور سەھىپىسىگە مەسئۇل تەھرىرى ماقالىغا قارىتا ئازراق تۈزىتىش ئېلىپ بېرىشنى تەكىتلەپ، ئوبزورنىڭ ئۇيغۇر رايونى ۋەزىيىتىگە دائىر بىرىنچى پاراگرافى بىلەن ئىككىنچى پاراگرافىنى كېسىۋەتكەن.

تىمۇتى گروسنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇنىڭ بۇ ئوبزورىنى يازغان مەزگىلى دەل خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ، «قايتا-تەربىيەلەش لاگېرلىرى» غا قاماۋاتقان ۋاقتىغا توغرا كەلگەن. ئۇ ئوبزورىنىڭ بېشىدا شۇ ۋاقىتتىكى ۋەزىيەتنى تونۇشتۇرغان. تىمۇتى گروس، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى «مەركەزلەشتۈرۈلگەن قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى» غا كەڭ كۆلەمدە قاماپ، شەرقتىكى خىتاي ئۆلكىلىرىگە قارىغاندا پەرقلىق رادىكال تەدبىرلەرنى يولغا قويۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇنىڭ «خىتاي قانىلى» تورىدىكى ماقالىسىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئۇ ماقالىسىنىڭ سېنزور قىلىنىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، بۇنىڭ سەۋەبىنى سورىغان بولسىمۇ، لېكىن ژۇرنال تەھرىراتى بۇنىڭ كونكرېت سەۋەبىنى چۈشەندۈرمىگەن. پەقەت ئۇنىڭ بۇ يىل 4‏-ئايدا بۇ ۋەقەنى تۋېتىردا ئېلان قىلىشى غۇلغۇلا قوزغىغاندىن كېيىنلا برىلل نەشرىياتى ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇنىڭ ئوبزورىنىڭ سېنزورلىنىشىغا «ئوبزوردا ژۇرنالنىڭ مۇناسىۋەت دائىرىسى سىرتىغا چىقىپ، قۇتراتقۇچى قاراشلارنىڭ ئىپادىلىنىشىدەك سەمىمىي خاتالىق» نىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. لېكىن، تىمۇتى گروسنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئۇنىڭ ئوبزورىنىڭ سېنزورلىنىشى «سەمىمىي خاتالىق» بىلەن مۇناسىۋەتسىزكەن. ئۇ، خوڭكوڭ سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى خەن شاۋروڭ بۇ ژۇرنالنىڭ باش مۇھەررىرى ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ ئوبزورىنىڭ سېنزورلىنىشىنىڭ شۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خەن شاۋروڭ ئىلگىرى خوڭكوڭدىكى «داگوڭباۋ» گېزىتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، «غەرب ۋە مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ تەسىرى ئۇيغۇر رايونىدا مۇقىمسىزلىق پەيدا قىلىۋاتقان 6 ئامىلنىڭ بىرى» دېگەن ئىكەن.