ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى دىرېكتورى دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارنى ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-05-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ دىرېكتورى ئۆمەر قانات دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارنى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۇچراۋاتقان زۇلۇمغا قاراپ تۇرماسلىققا چاقىردى.

ئۆمەر قانات ئەپەندى 14-ماي كۈنى، ئامېرىكانىڭ «يەرشارى پوچتىسى» گېزىتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىجرا قىلىۋاتقان مىللىي ۋە دىنى باستۇرۇش سىياسەتلىرى ۋە شۇنداقلا لاگېرلار مەسىلىسى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن.

ئۇ ماقالىسىدە، دۇنيادىكى ئوخشىمىغان دىنلارغا تەۋە بولغان خەلقلەر ئۆزلىرىنىڭ دىنى ئىبادەتلىرىنى ئەركىن ئازادە بەجا كەلتۈرۈۋاتقان بىر مەزگىلدە، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ رامىزان ئېيىدا روزى تۇتۇشقىمۇ مۇۋەپپەق بولالمايۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئۇ ماقالىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر خەلقى ۋە ئۇيغۇر دىنى زاتلىرىغا سالغان زىيانلىرىنى مىسال بىلەن بايان قىلىپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى بارلىق دىنغا ئىشەنگۈچى ئاممىنى بۇ مۇبارەك ئايدا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى ئەركىنلىكىنى قوللاشقا ۋە ئۇلارنىڭ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە دەۋەت قىلغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت