ئامال كلونېي ئۇيغۇرلارنى دەپسەندە قىلىشقا قاتناشقان شىركەت ۋە شەخسلەرنى جاۋابكارلىققا تارتىشنى تەلەپ قىلغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020.05.15

ئامېرىكالىق كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى، ئاتاقلىق كىنو چولپىنى جورجى كلونېينىڭ ئايالى ئامال كلونېي 15-ماي كۈنى ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدا گۇۋاھلىق بېرىپ، ئاۋسترالىيەنىڭ قانۇن چىقىرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشقا قاتنىشىۋاتقان شىركەت ۋە شەخسلەرنى جاۋابكارلىققا تارتىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ئاۋسترالىيە ئۆزىنىڭ ماگنىتىسكىي كىشىلىك ھوقۇق قانۇنىنى ماقۇللاپ، كىشىلىك ھوقۇق كۈشەندىلىرىگە تاقابىل تۇرۇشى كېرەك ئىكەن.

«سىدنېي ئەتىگەنلىك خەۋەرچىسى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامال كلونېي ئاۋسترالىيە پارلامېنتىغا ۋىدېيو ئارقىلىق بەرگەن گۇۋاھلىق سۆزىدە، «ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشقا چېتىشلىق بارلىق شىركەتلەرنى نىشانغا ئېلىشى، بۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدىكى بىر يېرىم مىليوندەك ئۇيغۇر قامالغان يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەكلىكى» نى تەكىتلىگەن.

ئۇ شىركەتلەرنىڭ ئىشنىڭ جىددىيىتىگە قاراپ ھەرىكەت قىلىدىغانلىقى، نۆۋەتتە ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە چېتىلىشىنى توسىدىغان يېتەرلىك چەكلەش تەدبىرىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈرۈپ؛ «چىقىرىلغۇسى قانۇندا ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە چېتىشلىق شىركەت ۋە شەخسلەرنى جاۋابكارلىققا تارتىشىغا يول قويۇلسا، بۇنىڭ ئىجابىي رولى بولىدۇ» دېگەن. مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى ئامېرىكادىن ئۈلگە ئېلىپ، شۇنىڭكىگە ئوخشاش بىر قانۇن چىقىرىش ھەققىدە پىكىر ئېلىشنى باشلىۋەتكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.