«خاففىڭتون پوچتىسى» گېزىتى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتايغا يەنە تەدبىر قوللانمىسا، تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇرنىڭ لاگېرلارغا كىرىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-05-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكادىكى «خاففىڭتون پوچتىسى» گېزىتى 16‏-ماي ماقالە ئېلان قىلىپ، ئەگەر ترامپ ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى دەپسەندە قىلىشىغا قارشى يەنە داۋاملىق تەدبىر قوللانمىسا، تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇرنىڭ لاگېرلارغا قامىلىشى مۇمكىنلىكىنى ئاگاھلاندۇرغان. «ترامپ ۋە خىتاي: يىغىۋېلىش لاگېرىدىكى بىر مىليون ئۇيغۇر قانداق بولدى؟» سەرلەۋھىلىك ماقالىدە پرېزىدېنتنىڭ مەزكۇر مەسىلىدە ئۆزىنىڭ ئېمبارگو كۈچىنى ئىشلەتمىگەنلىكى ياكى مۇتەخەسسىسلەر «ئېتنىك قىرغىنچىلىق» دەپ تەرىپلەۋاتقان بۇ كرىزىسنى تىلغا ئېلىپ قويمىغانلىقى تەنقىدلەنگەن

ماقالىدە ئىلگىرى سۈرىلىشىچە، مەزكۇر مەسىلىنى مۇئاۋىن پرېزىدېنت مايك پەنس، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىسىتىرلىقى تەنقىد قىلغان بولسىمۇ، لېكىن پرېزىدېنت ترامپنىڭ سودا سۆھبىتى جەريانىدا بۇنىڭغا سۈكۈت قىلىشى، ئۇنىڭغا ھېچقانداق ھەرىكەت قوللانماسلىقى ئۇنىڭ بۇ قورقۇنچلۇق باستۇرۇشنى خىتاي بىلەن بولغان ماجرادىكى مەركىزى مەسىلە، دەپ قارىمايدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدىكەن. لېكىن ماقالىدە، ھۆكۈمەتنىڭ خىتايغا قارىتا يەنە داۋاملىق ھەرىكەت قوللانماسلىقى كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغۇچى خىتاي ئەمەلدارلىرىغا تېخىمۇ خاتا سىگنال بېرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

ماقالىدە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، نۆۋەتتە ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى لاگېردىكى تۇتقۇنلارنىڭ 3 مىليونغا يېقىنلاشقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ ھەرىكەت قوللىنىشتا كېچىكىشى يەنە مىليونلىغان كىشىنىڭ لاگېرلارغا كىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن. ماقالىدە ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى روشەن ئاباسنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇ «بۇ مەسىلىدە خىتاي ئامېرىكانى يەنە سۈكۈت قىلىشقا مەھكۇم قىلسا، ئۇلار ئۇتقان بولىدۇ» دېگەن. ئۇ «خاففىڭتون پوچتىسى» گېزىتىگە يەنە: «بۈگۈن ئۇيغۇر خەلقى دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلە سۆز ئەركىنلىكى، ئىپادە ئەركىنلىكى ياكى دىنىي ئەركىنلىكتىن ھالقىپ كەتتى. بۇ يەردىكى مەسىلە ئىنسانلىققا قارشى تۇرۇش جىنايىتى، ھايات قېلىش مەسىلىسىدۇر» دېگەن. نۆۋەتتە ترامپ ھۆكۈمىتى خىتاينى جازالاش ھەققىدە كۈچلۈك بېسىمغا ئۇچراۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار «جازا تەدبىرلىرىنى ئىجرا قىلىشقا مۇۋاپىق قانۇنىي ئاساس بار-يوقلۇقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ۋاقىت كېتىدىغانلىقى» نى بىلدۈرمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت