ئامېرىكا ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا ئىنكاس بىلدۈرۈشكە چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-06-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ جەنۇبىي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن ياردەمچى مىنىستىرى دەيۋىد رەنز ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئىنكاس قايتۇرۇشقا چاقىرغان.

دەيۋىد رەنز بۇ چاقىرىقىنى 6‏-ئىيۇن ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن «خىتايدىكى ياۋۇزلۇقلارغا قارشى تۇرايلى: ئۇيغۇر كىرىزىسىگە قارىتا يەرشارى خاراكتېرلىك ئىنكاس‏‏» ناملىق يىغىندا نۇتۇق سۆزلىگەندە تەكىتلىگەن. ئۇ «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق، دىنى ئەركىنلىكىنى قاتتىق دەپسەندە قىلىشى، پۈتكۈل رايونغا تەسىر قىلىۋاتقان جىددىي مەسىلىگە ئايلانغانلىقى» نى بىلدۈرۈپ، «بىز خىتاينى بۇ باستۇرۇش ھەرىكىتىگە خاتىمە بېرىشكە چاقىرىمىز. لاگېرلاردا خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بىر مىليوندەك تۇتقۇننى دەرھال قويۇپ بېرىشكە شۇنىڭدەك بۇ مەسىلىدە ھۆكۈمەتلەرنى ۋە دۇنيانى بىزگە ئىشتىراك قىلىشقا ئۈندەيمىز» دېگەن.

دەيۋىد رەنزىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتايدا دىنىي ئەركىنلىكنىڭ ناچارلىشىپ كېتىشى، جۈملىدىن ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرنى جازالاشنى كۈچەيتىشى خىتاي بىلەن بولغان نوقۇل ئىككى تەرەپلىمىلىك مەسىلە ئەمەس ئىكەن. ئۇ بۇنىڭ رايون خاراكتېرلىك ۋە دۇنياۋى مەسىلە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن 25 يىل ئاۋۋال قەشقەرنى زىيارەت قىلغانلىقى، بۇ 25 يىل مابەينىدە قەشقەر كوچىلىرىدا ۋە پۈتكۈل رايوندا يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۈشكۈللۈكىنى بىلدۈرۈپ، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدىكى مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرنى تۇتقۇن قىلىشى، تەقىب قىلىشى ۋە ۋەھىمە سېلىشى ئۇلارنىڭ كىملىكىنى مەقسەتلىك يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ» دېگەن.

دەيۋىد رەنز يەنە قازاقىستان ھۆكۈمىتىنى ماختاپ، ئۇنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىقلارنى قايتۇرۇپ بېرىش توغرىسىدىكى بېسىمىغا تېز پۈكمەي، سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنى قوغدىغانلىقىغا مىننەتدار ئىكەنلىكى، باشقا دۆلەتلەرنى قازاقىستاندىن ئۈلگە ئېلىشقا چاقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. دەيۋىد رەنز د ئۇ ق نىڭ 6‏-ئىيۇن ئۆتكۈزۈلگەن «خىتايدىكى ياۋۇزلۇقلارغا قارشى تۇرايلى: ئۇيغۇر كىرىزىسىگە قارىتا يەرشارى خاراكتېرلىك ئىنكاس‏‏» ناملىق يىغىندا نۇتۇق سۆزلىگەن يۇقىرىقى دەرىجىلىك ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ بىرىدۇر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت