ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ئامېرىكا ۋە گېرمانىيە خىتاينى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە قاتتىق ئەيىبلىدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-07-03
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

2-ئىيۇل كۈنى بىرلەشكەت دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ باش شتابىدا ئۆتكۈزۈلگەن خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ يىغىنىدا ئامېرىكا ۋە گېرمانىيە ۋەكىللىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىليونلىغان ئۇيغۇرنى لاگېرغا قامىشى ھەمدە ئۇلارنى ئەڭ ئەقەللىي ھەقلەردىنمۇ مەھرۇم قالدۇرۇشىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 2-ئىيۇل كۈنىدىكى يىغىنغا قاتناشقان بىر قىسىم چەتئەل دېپلوماتلىرىنىڭ بايانلىرىدىن نەقىل كەلتۈرىشىچە، شۇ قېتىملىق يېپىق يىغىنىغا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئەزا 15 دۆلەتنىڭ ۋەكىلى قاتناشقان ئىكەن. يىغىندا ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ ب د ت دا دائىمىي تۇرۇشلۇق مۇۋەققەت باش ئەلچىسى جوناسان كوئېن خىتاي ھۆكۈمىتىنى «ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم قىلىش ۋە خورلاش قىلمىشلىرى سادىر قىلىۋاتىسىلەر،» دەپ قاتتىق ئىبارىلەر بىلەن ئەيىبلىگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت دا دائىمىي تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ما جاۋشۈ ئۆكتەملىك بىلەن جاۋاب قايتۇرۇپ «ئامېرىكا ۋە گېرمانىيەنىڭ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ يىغىنىدا باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى تەكىتلەش ھەققى يوق،» دەپ تۇرۇۋالغان.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ۋەقە ھەققىدە رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى بۇ خىلدىكى زۇلۇم ھەرىكىتىدىن شۇنداقلا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتىشقا مەجبۇرلاش قىلمىشىدىن بەكمۇ ئەندىشە قىلىۋاتىدۇ. شۇڭا بىز بۇ مەسىلىنى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ئوتتۇرىغا قويدۇق،» دېگەن.

ئۆتكەن ئايدا ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە باشقا غەرب دۆلەتلىرى ب د ت تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋىلادىمىر ۋورونكوۋنىڭ ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نى زىيارەت قىلىشىغا قارشى تۇرغان ئىدى. ئۇلار بۇ زىيارەتنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى قىلىۋاتقان ئىشلارنى «يوللۇق» دەپ تەتۈر خۇلاسە چىقىرىشىدىن ئەندىشە قىلغان ئىدى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى جون سۇللىۋان بۇ سەپەر باشلانماي تۇرۇپلا ب د ت باش كاتىپى ئانتونيو گۇتتېرىس بىلەن سۆزلىشىپ «خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇم سىياسىتىنى قانۇنلۇق بولغان تېررورلۇققا قارشى ھەرىكەت دەپ تەسۋىرلەپ كەلمەكتە،» دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت