ئۇيغۇر مەسىلىسى سۇزان رايس بىلەن خىتاينىڭ پاكىستاندىكى مۇئاۋىن باش ئەلچىسى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش پەيدا قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-07-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر مەسىلىسى ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى سۇزان رايىس بىلەن خىتاينىڭ پاكىستاندا تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن باش ئەلچىسى جاۋ لىجيەن ئوتتۇرىسىدا كەسكىن سۆز ئۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

سۆز ئۇرۇشىغا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە تۇرۇشلۇق 22 دۆلەتنىڭ باش ئەلچىلىرىنىڭ يېقىندا يازغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بىرلەشمە مەكتۇبى ۋە جا لىجيەننىڭ تۋىتتىردا ئۇنىڭغا يازغان ئىنكاس سەۋەب بولغان. «جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى» گېزىتىنىڭ 15‏-ئىيۇل خەۋەر قىلىشىچە، سۇزان رايىس جاۋ لىجيەننىڭ يازغان ئىنكاسىنى «رەزىل ئىرقچىلىق» دەپ تەنقىدلىگەن.

ئۆتكەن ھەپتە ئەنگلىيە، ياپونىيە، گېرمانىيە قاتارلىق غەربتىكى 22 دۆلەتنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىكى باش ئەلچىلىرى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باشىلېيتقا بىرلەشمە مەكتۇپ يېزىپ، خىتاينىڭ لاگېرلارنى تاقىشىنى، ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىشقا خاتىمە بېرىشىنى، ب د ت نىڭ ئۇيغۇر رايونىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇشىنى تەلەپ قىلغان. بۇ مەكتۇپ خەلقئارا تاراتقۇلاردا قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغان. ئارقىدىنلا شىمالىي كورېيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، پاكىستان، سۈرىيە، رۇسىيە قاتارلىق 37 ئىستىبدات دۆلەت خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى سىياسىتىنى قوللايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

«جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، جاۋ لىجيەن تۋىتتىرغا يوللىغان 37 دۆلەتنىڭ مەكتۇپىنى «ئامېرىكا ۋە غەربنىڭ كاچىتىغا بىر شاپىلاق سالغانلىقى» دەپ تەرىپلىگەن. ئۇ ئىنكاسىدا «ۋاشىنگتوندا ئاقلار ھېچقاچان ئۇنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى رايونلارغا ئۆتمەيدىغانلىقى، چۈنكى، بۇ رايونلاردا قارىلار ۋە لاتىنلارنىڭ ياشايدىغانلىقى، ۋاشىنگتوندا قارىلار كەلسە ئاقلار كېتىدىغانلىقى، قارا تەنلىكلەر ئائىلىلەر كۆچۈپ كىرگەن رايونلاردا ئۆي باھاسى چۈشۈپ كېتىدىغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن. سۇزان رايىس يەكشەنبە كۈنى جاۋ لىجيەننىڭ بۇ سۆزىنى قاتتىق تەنقىدلەپ: «سەن بىر رەزىل ئىرقچى. شۇنداقلا چۆچۈتەرلىك دەرىجىدە قالاق بىرى. نورمال ئەھۋالدا بولغان بولسا، سەن قارشى ئېلىنمايدىغان ئادەم، دەپ ئېلان قىلىنغان بولاتتىڭ» دېگەن. سۇزان رايىس يەنە خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سۇي تيەنكەيگە چاقىرىق قىلىپ، جاۋ لىجيەننىڭ چاقىرتىلىپ كېتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

سۇزان رايىس بىلەن جاۋ لىجيەن ئوتتۇرىسىدىكى سۆز ئۇرۇشى خىتاي ھۆكۈمىتى 2 مىليوندەك ئۇيغۇر ۋە باشقا خەلقلەرنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماپ، ئۇيغۇرلار ئومۇميۈزلۈك تەقىب ئاستىغا ئېلىنغان، ئوچۇق ئاشكارا ئىرقىي كەمسىتىشكە ئۇچراۋاتقان مەزگىلدە پارتلاپ، كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت