ماھاتىرنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سوئاللارغا بەرگەن ئېھتىياتچان جاۋابى تەنقىدكە ئۇچرىدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-08-01
Share

مالايسىيا باش مىنىستىرى ماھاتىر موھەممەدنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بەرگەندە ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن گەپ قىلىشى دىققەت قوزغىدى.

ئۇ، چارشەنبە كۈنى «TRT WORLD» مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، مۇخبىرلار ئۇنىڭدىن نېمە ئۈچۈن مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسەتلىرىگە ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرمايۋاتقانلىقىنى ۋە نېمە ئۈچۈن مالايسىيانىڭ 22 دۆلەت تەرىپىدىن قول قويۇلغان ئىمزالىق خەتتە ئورۇن ئالمىغانلىقىنى سورىغان.

ماھاتىر مۇھەممەد بۇنىڭغا «بىز قىلالايدىغان ئىشىمىزنى قىلىمىز. قاراپ تۇرۇپ، تۇخۇمنى تاشقا ئۇرىدىغان ئىشنى قىلمايمىز» دەپ جاۋاب بەرگەن.

ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەنقىدلەشتىن ئاۋۋال يەنىمۇ كۆپ ئۇچۇرغا ئېھتىياجى بارلىقىنى، كۈچلۈك دۆلەتلەر بىلەن مۇئامىلە قىلغاندا ئەھۋالغا قاراپ تۇرۇپ ئىش كۆرۈش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ «بىز خىتاي ھۆكۈمىتى ئەيىبلەشكە ئۇچراۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بەزىلىرىنى ئېنىقلاپ چىقىشىمىز كېرەك. ئەلۋەتتە، ئۇلار رەت قىلىدۇ. مەنچە، بۇ مەسىلىدە بىزنىڭ زىددىيەتلىشىش ئەمەس، بەلكى كېڭىشىشىمىز ۋە ئۇ يەردە ئەمەلىيەتتە يۈز بېرىۋاتقانلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشىمىز كېرەك. بىز خىتاينى تەنقىدلىسەك بولىدۇ، ئەمما تەنقىدلەش بىلەن ئىش تاڭ ئاتمايدۇ،» دېگەندەك سۆزلەرنى قىلغان.

ماھاتىر مۇھەممەدنىڭ يۇقىرىقى جاۋابى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئاسىيا ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى فىل روبېرتسون بۇ ھەقتە توختىلىپ «ماھاتىر مۇھەممەدكە ئوخشاش مەردانىلىقى بىلەن تونۇلغان كىشىلەرنىڭمۇ خىتايغا كەلگەندە تىلىنى چايناپ قېلىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەنقىدىي ئاۋازلارنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن قانداق ھەرىكەتلەرنى قىلىۋاتقانلىقىنى ئېنىق ئىپادىلەپ تۇرماقتا» دېگەن. ئۇ يەنە دۇنيا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلارنىڭمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قىلىۋاتقان زۇلۇمىنى تەنقىدلىمەيۋاتقانلىقى، مالايسىيانىڭ ھەرىكىتىنىڭمۇ خۇددى يۇقىرىقى بۇ ئورگانغا ئوخشايدىغانلىقىنى ئىپادە قىلغان.

مالايسىيادىكى «مۇسۇلمان گۇرۇپپىلار بىرلىكى» نىڭ باشلىقى ئامىنۇددىن يەھيا بولسا ماھاتىر مۇھەممەدنىڭ سۆزىنى تەنقىدلەپ «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قىلىۋاتقان زۇلۇمىنى ئىسپاتلايدىغان نۇرغۇن مەنبەلەر بار. بۇ دېگەن بىر سىياسىي مەسىلە ئەمەس. مالايسىيا ھۆكۈمىتى مۇسۇلمانلارغا قىلىنىۋاتقان بۇنداق مۇئامىلىگە بولغان نارازىلىقىنى خىتايغا ئوچۇق ئىپادە قىلىشى كېرەك» دېگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت