شېلدون ستون: «مەن ئۇيغۇرلارنىڭ نېمىسى؟»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020.08.12

غەرب دۇنياسىدا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەلەر «قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتىلىۋاتقاندا ‍ئەنگلىيەدىكى «دۆلەتلىك ساقلىق مۇلازىمىتى» نىڭ پېنسىيەگە چىققان خادىمى، دوختۇر شېلدون ستون 11-ئاۋغۇست كۈنى «يەھۇدىيلار قىرغىنچىلىقى خاتىرىسى» تور بېتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى قوللاۋاتقانلىقى ھەققىدە چۈشەنچە بەردى.

شېلدون ستون ئۆيىدىكى سۇ يولىنى رېمونت قىلىشقا كەلگەن ئىشچىنىڭ «ئەپەندىم، ئۇيغۇرلار سىزنىڭ نېمىڭىز بولىدۇ؟ ئەجەب مۇشۇ كۈنلەردە ئۇيغۇر، ئۇيغۇر دەپ ئولتۇرالمايلا قېلىۋاتىسىز؟» دېگەن سوئالىغا جاۋاب تەرىقىسىدە بۇ ماقالىنى يازغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەش بىلەن بىرگە نۆۋەتتە مىليونلارچە ‍ئۇيغۇر لاگېرلارغا قامالغانلىقىنى، ئەينى ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى ناتسىستلارنىڭ لاگېرلىرىدا قانداق قىسمەتلەرگە دۇچ كەلگەن بولسا ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ھازىر شۇنداق پاجىئەگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى، دۇنيا بۇ ئىشلارغا سۈكۈت قىلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چۈشكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.

ئۇ ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا «ئەمدى قايتىلانمايدۇ» دېگەن تارىخىي شوئار ئېغىر خىرىسلارغا دۇچ كېلىۋاتقان ئەھۋالدا ئەنگلىيەدىكى كىشىلەرگە ئۇلار قىلالايدىغان ئۈچ تۈرلۈك ئىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. ئۇ تەۋسىيە قىلغان «پارلامېنت ئەزالىرىغا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە مەكتۇپ يېزىش»، «ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكى بەدىلىگە پۈتكەن مەھسۇلاتلارنى بايقۇت قىلىش» ۋە «‹ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا خاتىمە بېرەيلى› نامىدىكى پائالىيەتكە ئىئانە قىلىش» دېگەن تەكلىپلەر دەسلەپكى قەدەمدە قوللاشقا ئېرىشمەكتىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.