پۇتبول چولپىنى دېمبا با خەلقئارا جەمئىيەتنى ئۇيغۇرلارنى قوللاشقا چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020.08.19

تۈركىيەنىڭ «ئىستانبۇل باشاق شەھىرى» كۇلۇبىدا توپ تېپىۋاتقان سېنېگال دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسىنىڭ ئەزاسى دېمبا با كەڭ پۇتبول ھەۋەسكارلىرىنى ئۇيغۇرلارنى قوللاش ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەھشىيانە سىياسەتلىرىنى ئەيىبلەشكە دەۋەت قىلدى.

BBC ئاگېنتلىقىنىڭ 19-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، دېمبا با بۇ سۆزنى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان پاجىئەلەردىن خەۋەردار بولغاندىن كېيىن، ئاخبارات ساھەسىگە ئېيتقان. ئۇ سۆزىدە «ھازىر كىشىلەرگە مەلۇم بولۇۋاتقان ‹قارىلارنىڭ جېنىمۇ جان› ھەرىكىتى باشقا ئىرقتىكى كىشىلەرنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن تېخىمۇ كۈچەيدى. ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدىمۇ بىز شۇنداق قىلىشىمىز لازىم،» دېگەن.

ئۇ BBC ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆزىنىڭ پۇتبول ساھەسىدىكىلەرنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ، بۇ مەسىلىگە تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىش خىيالىدا بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇنداقلا تۈرك نەسلىدىن بولغان پۇتبول چولپىنى مەسئۇد ئۆزىلنىڭ 2019-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىنى ئەيىبلىشى ھەمدە بۇنىڭغا ئۇلىشىپلا ئوتتۇرىغا چىققان مەسئۇدقا قارشى چۇقانلارنىمۇ ئەسلىتىپ ئۆتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە مەسئۇد توپ ئويناۋاتقان ئارسېنال كۇلۇبىنىڭ «قارىلارنىڭ جېنىمۇ جان» ھەرىكىتىنى ئاشكارا قوللىغانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭدىنمۇ ئېغىر بولغان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە ئارسېنال كۇلۇبىنىڭ تا ھازىرغىچە زۇۋان سۈرمەي كېلىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىگەن.

ئۇ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «بەزىلەر پايدىنى كۆرۈپلا ئادالەتنى ‹كۆرمەس› بولۇپ قالىدۇ. بىز پۇتبولدا ئادالەت ئۈچۈن كۈرىشىمىز، شۇڭا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدىمۇ مۇشۇ پرىنسىپ بويىچە ئىش كۆرۈشىمىز لازىم،» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، دېمبا با 2015-يىلىدىن 2018-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا خىتايدىكى «شاڭخەي شىنخۇا» كۇلۇبى بىلەن توختاملىشىپ توپ تەپكەن بولۇپ، خىتايدا مىليونلىغان مەستانىلىرى بار ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.