د ئۇ ق گېرمانىيە باش مىنىستىرىنى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-09-04
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگىلا مېركېل 5-سېنتەبىردىكى خىتاي زىيارىتىگە مېڭىشنىڭ ئالدىدا د ئۇ ق ئۇنى خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن بولغان ئۇچرىشىشتا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا چاقىردى.

د ئۇ ق نىڭ 3-سېنتەبىر تارقىتىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا «خىتاي بىلەن بولىدىغان سودا مۇناسىۋىتىنى ‹دائىمىي ئىشلار› دەپ قاراشقا خاتىمە بېرىش ۋە بىر مىليوندىن ئۈچ مىليونغىچە بولغان لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ سورىقىنى قىلىش» تەلەپ قىلىنغان.

د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بېيجىڭ دائىرىلىرىنى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسەتلىرىنى ئۆزگەرتىشكە چاقىرىق قىلىپ قويۇشى كۇپايە قىلمايدۇ. ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بۇنىڭدىنمۇ قاتتىقراق شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى لازىم» دېدى. شۇنىڭدەك ۋولكسۋاگېن شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورىنىڭ «ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشىدىن خەۋەرسىزكەنمەن» دېگەن سۆزىنى «قەتئىي قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغان ھادىسە» دەپ كۆرسەتتى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت