ئۇيغۇرلار مەسىلىسى تۈپەيلىدىن ئانگىلا مېركېل ئېغىر بېسىملارغا دۇچ كەلمەكتە

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021-09-07
Share

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگىلا مېركېل ئۆتكەن 16 يىلدىن بۇيان ئىزچىل خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرلۈك زۇلۇم ۋە ھەقلەر دەپسەندىچىلىك قىلمىشلىرىغا سۈكۈت قىلىۋاتقان بولۇپ، يېقىندىن بۇيان بۇ ھال بارغانسېرى كۆپ ساھەنىڭ تەنقىدىگە دۇچ كېلىشكە باشلىدى. ياۋروپادىكى زور تەسىرگە ئىگە «گېرمانىيە دولقۇنلىرى» نىڭ 7-سېنتەبىر كۈنى ئېلان قىلىنغان تەھرىرات ماقالىسىدە بۇ مەسىلە يەنىمۇ قاتتىق ئەيىبلىنىپ، ئۇنىڭ «خىتاي سۆيگۈسى» يەنە بىر قېتىم كەسكىن قامچىلاندى.

ئوبزوردا ئېيتىلىشىچە، ئانگىلا مېركېلنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە خوڭكوڭ مەسىلىسى ھەققىدىكى شۇنچە كۆپ رېئاللىق پاش بولغاندىن كېيىنمۇ داۋاملىق ھالدا خىتاي بىلەن دوست تارتىشىشىدىكى مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى گېرمانىيە شىركەتلىرىنىڭ خىتايدىكى نەچچە مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق غايەت زور سودا مەنپەئەتى ئىكەن. بۇ خىل «بىر كۆزىنى قىسىۋېلىش» بەدىلىگە نۆۋەتتە بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ دىكتاتورلۇق خورىكى تېخىمۇ ئۆسۈپ، ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىك قىممەت قاراشلىرى ئېغىر تەھدىتلەرگە دۇچ كەلمەكتە ئىكەن.

ئوبزور ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە باش مىنىستىر مېركېلنىڭ ئەڭ چوڭ خاتالىقى خىتاينى قايسى دەرىجىدە چەكلەش ياكى «قىزىل سىزىق» نى قەيەرگە سىزىشنى بىلمەسلىكتىكەن. دەل شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇ گېرمانىيە سودا ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيە نامايىشى باستۇرۇلۇۋاتقان ۋاقىتتا خىتايغا زىيارەتكە بارغان. 2019-يىلى «گېرمانىيە سانائەت بىرلەشمىسى» تەتقىقاتلار ئاساسىدا «خىتاي بىر سىستېمىلىق رەقىب، ئۇلار كەلگۈسىدە ھەرگىزمۇ بازار ئىقتىسادىغا ياكى ئەركىنلىككە يۈزلەنمەيدۇ» دەپ خۇلاسە چىقارغان بولسىمۇ مېركېل يەنىلا خىتايغا قارىتىلغان ئىلگىرىكى سىياسەتلىرىنى داۋام قىلماقتا ئىكەن. بۇنىڭ بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى غايەت زور مىقداردىكى مەبلەغ سېلىش كېلىشىملىرى ئوڭايلا ئەمەلگە ئاشماقتا ئىكەن. ئەمما دەل مۇشۇ كېلىشىمنى ئىجرا قىلغۇچى بىر تەرەپ بولغان خىتاينىڭ خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بىرلەشمىسى ئەھدىنامىسى ياكى باشقا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى ئېغىر دەرىجىدە ئاياق-ئاستى قىلىۋاتقانلىقى نۆۋەتتە ئەڭ چوڭ تەنقىد ئوبيېكتى بولماقتىكەن.

ئوبزورنىڭ ئاخىرىدا ئېنىق قىلىپ مېركېل ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل سەلبىي رېئاللىقتىن قول ئۈزۈشى، شۇنىڭدەك ئەينى ۋاقىتتىكى ناتسىستلار گېرمانىيەسى دەۋرىدىكى جىنايەتلەرنىڭ قايتا سادىر بولماسلىقى ئۈچۈن ئامېرىكا ۋە ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىشى لازىملىقى ئالاھىدە تەكىتلىنىدۇ.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت