ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينى ب د ت نىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تەۋسىيەلىرىگە ئەمەل قىلىشقا چاقىرغان
2024.09.13
ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى 9-ۋە 10-سېنتەبىر كۈنلىرى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن خىتاي ۋە ھىندى-تىنچ ئوكيان توغرىسىدىكى دىيالوگىنىڭ ئاخىرىدا قوشما بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشى بىلەن ھەمكارلىشىشقا، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تەۋسىيەلىرىگە ئەمەل قىلىشقا ۋە خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنغان بارلىق تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرغان.
قوشما باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «ھەر ئىككى تەرەپ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى، جۈملىدىن تىبەت ۋە شىنجاڭغا بولغان يەرشارىۋى دىققەتنى كۈچەيتىشى ۋە بۇنىڭغا قارىتا كەسكىن تەدبىرلەرنى ئېلىشى زۆرۈرلۈكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. ئۇلار يەنە خىتاينىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسى بىلەن ئۈنۈملۈك ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىشى، جۈملىدىن ب د ت نىڭ شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە دائىر باھالاش دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەۋسىيەلەرنى ئىجرا قىلىشى، شۇنداقلا خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق مېخانىزمى بىلەن ئۈنۈملۈك ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.»
باياناتتا يەنە ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايدا ناھەق ۋە خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنغان نۇرغۇن دېلولارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىدىغانلىقى، خىتاينى ناھەق ۋە خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنغان بارلىق كىشىلەرنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىرىدىغانلىقى، شۇنىڭدەك خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشىغا قارشى ھەمكارلىق ئېلىپ بارىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ قېتىملىق خىتاي ۋە ھىندى-تىنچ ئوكيان دىيالوگى، ئامېرىكانىڭ مۇئاۋىن تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى كۇرت كامبېل بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقىي ئىشلار كومىسسارىياتى باش كاتىپى ستېفانو سانىنو ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن. 11-سېنتەبىر ئېلان قىلىنغان قوشما باياناتتا، خىتاي رۇسىيەگە ھەربىي ياردەم بېرىش مەسىلىسى بويىچە ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇلغان. قوشما باياناتتا، ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ رۇسىيە ئارمىيەسىنى «ئىنتايىن ماھىيەتلىك» قوللاۋاتقانلىقىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ ياردىمى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنى داۋاملاشتۇرۇشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ، يەر شارى خەۋپسىزلىكىگە تەھدىت سېلىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن.