ئامېرىكا خەلق رايى ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خىتايغا ئېمبارگو قويۇشىنى قوللىغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020.09.21

يېقىندا ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق ئامېرىكا خەلق رايىنى سىناش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا خەلقىنىڭ كۆپ قىسمى ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى سەۋەبلىك خىتايغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشىنى قوللايدىكەن. لېكىن ئامېرىكانىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ كېلىشى ۋە خىتاي بىلەن ئۇرۇش قىلىشىغا قارشى ئىكەن. مەزكۇر راي سىناش پائالىيىتى بۇ يىل 17-ئاۋغۇستتىن 19-ئاۋغۇستقىچە «لۇسىد» ناملىق راي سىناش ئورنى تەرىپىدىن تور ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغان.

راي سىناشقا ئامېرىكانىڭ مەملىكەت مىقياسىدىن 1886 ئادەم قاتناشقان بولۇپ، راي سىناش كىشىلەرنىڭ جىنسى، مائارىپ ۋە ئىرقىي تەرەپلىرىگە قاراپ ئېلىپ بېرىلغان. «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىدە 21-سېنتەبىر ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى خەۋەردە تەكىتلىنىشىچە، راي سىناشقا قاتناشقانلارنىڭ 54% ئۇيغۇر يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. 55.9% ئادەم ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى قوللايدىغانلىقىنى، 40.8% ئادەم بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشنى، 35.9% ئادەم ئامېرىكانىڭ ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ كېلىشىنى قوللايدىغانلىقىنى قەيت قىلغان.

پەقەت 19.6% كىشى خىتاي بىلەن ئۇرۇش قىلىشنى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن. «ۋاشىنگتون پوچتىسى» نىڭ خەۋىرىدە تەكىتلىنىشكە، خىتاي بىلەن ئۇرۇش قىلىشنى، ئامېرىكا ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ كېلىشنى، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشنى، ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى قوللايدىغانلارنىڭ ئىچىدە جۇمھۇرىيەتچىلەر كۆپ سانلىق ئىگىللىسىمۇ، ئەمما بۇنى قوللايدىغان دېموكراتلار ۋە مۇستەقىل پىكىردىكىلەرنىڭ نىسبىتى بەك چوڭ پەرقلەنمەيدىكەن. خەۋەردە، راي سىناشقا قاتناشقان دېموكراتلارنىڭ 52.6%, مۇستەقىل پىكىردىكىلەرنىڭ 49.1% ئېمبارگونى قوللايدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.