نېتفىلىكىسنىڭ لاگېرلارنى قوللىغان خىتاي يازغۇچىنىڭ ئەسىرىنى سەھنىلەشتۈرۈش پىلانى ئامېرىكا سىياسىيونلىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020.09.25

ئامېرىكا نېتفىلىكىس شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر جازا لاگېرلىرىنى قوللىغان خىتاي يازغۇچى ليۇ سىشىننىڭ «ئۈچ جىسىم» ناملىق رومانىنى چاتما تېلېۋىزىيە تىياتىرى قىلىپ ئىشلەش پىلانى ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. «ھوللىۋۇد خەۋەرچىسى» گېزىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ مارشا بلەكبورىن، رىك سكوت، كېۋىن كرېمىر، مارتا مىكسالىي، تام تىللىس قاتارلىق 5 نەپەر ئەزاسى 23-سېنتەبىر نېتفىلىكىسنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى تەد سوروندوسقا مەكتۇپ يېزىپ، نېتفىلىكىسنىڭ پىلانىغا قارشى چىققان.

ئۇلارنىڭ تەكىتلىشىچە، ئەگەر نېتفىلىكىس ليۇ سىشىننىڭ ئەسىرىنى سەھنىلەشتۈرسە، بۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا سادىر قىلىۋاتقان «سىستېمىلىق، ئىرقىي قىرغىنچىلىق تۈسىدىكى جىنايىتى» نى «نورماللاشتۇرۇپ» بېرىدىكەن. ئۇلار مەكتۇپىدا ليۇ سىشىننىڭ 2019-يىلى «نيۇ-يوركلۇقلار» ژورنىلىدا قىلغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، «دۆلەت مەجلىسى ئۇيغۇرلارغا قارىتا سادىر قىلىنىۋاتقان سىستېمىلىق جىنايەتكە جىددىي قاراۋاتقان مەزگىلدە بىز نېتفىلىكىسنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەشۋىقاتىنى تەكرارلاۋاتقان بىر شەخس بىلەن ھەمكارلىشىشىدىن جىددىي ئەندىشە قىلىۋاتىمىز» دېگەن.

ئۇلارنىڭ تەكىتلىشىچە، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى بۇ قەبىھلىكلەر ئالدىدا راھەتلىك بىلەن ئېلىنغان بىر شىركەت قارارى مەۋجۇت ئەمەس، پەقەت جىنايەتكە ئورتاقلىق مەۋجۇت» ئىكەن. ليۇ سىشىن 2019-يىلى «نيۇ-يوركلۇقلار» ژۇرنىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئۇيغۇرلارنى تېررورچىلىق بىلەن ئەيىبلەپ، «ھۆكۈمەت ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىغا ياردەم قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ» دېگەن. مەلۇم بولۇشىچە، ليۇ سىشىننىڭ ئەسىرىنى «تېكىست ئويۇنى» ناملىق داڭلىق تېلېۋىزىيە چاتما تىياتىرىنى ئىشلىگەن دەيۋىد بەنىيوف بىلەن د. ب. ۋەيىس سىنارىيەلەشتۈرگەنىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.