ئامېرىكا سىياسەت ساھەسىدىكى مۇھىم ئەربابلار ئۇيغۇر مەسىلىسىدە مۇنازىرە قىلىشماقتا

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019.10.10

ئامېرىكا ئاق ساراينىڭ ئىقتىساد مەسلىھەتچىسى پېتىر ناۋاررو 9-ئۆكتەبىر كۈنى ئامېرىكا «فوكس» تېلېۋىزىيەسىنىڭ پروگراممىسىغا قاتنىشىپ، ئامېرىكا-خىتاي سودا كېلىشىمى ھەققىدە سۆز قىلغاندا ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئېغىر باستۇرۇش سىياسىتى ئۈستىدە توختالدى.

ئۇ ترامپ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن خىتاينىڭ 28 مۇئەسسەسىگە قارىتا چىقىرىلغان جازا تەدبىرلىرى ھەققىدە توختالغاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە مۇشۇ ئەسىردىكى ئەڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇقى دەپسەندىچىلىكىگە سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى، نۆۋەتتە ئۇ يەردە 2 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا سولانغانلىقى قەيت قىلدى.

9-ئۆكتەبىر كۈنى يەنە ئامېرىكانىڭ سابىق مۇئاۋىن پرېزىدېنتى ۋە ھازىرقى دېموكراتچىلار پارتىيەسىنىڭ پرېزىدېنت نامزاتلىرىدىن بىرى بولغان جو بايدىن بىر يىغىندا سۆزلىگەن نۇتقىدا ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپنى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خىتايغا قاتتىق پوزىتسىيە بىلدۈرمىدى، دەپ ئەيىبلىگەن. «ئەركىن كۆرسەتكۈچ» ناملىق گېزىتنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جو بايدىن شۇ كۈنىدىكى سۆزىدە «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا كىشىنى چۆچۈتىدىغان دەرىجىدىكى غايەت زور كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى يۈرگۈزۈپ، ئۇلارنى قايتا تەربىيە لاگېرلىرىغا سولاۋاتقان بىر پەيتتە ۋە خوڭكوڭدا نامايىشچىلار زوراۋانلىققا ئۇچراۋاتقاندا پرېزىدېنت ترامپنىڭ بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرماي سۈكۈتتە تۇرۇۋالغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. ئۇ سۆزىدە يەنە «ئۇ كىشىلىك ھوقۇق ھەققىدە گەپ قىلىپ باقتىمۇ، ئۇ خوڭكوڭلۇقلار ئۈچۈن ۋە ‹قايتا تەربىيە لاگېرلىرى› دىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئورنىدىن تۇرۇپ باقتىمۇ؟» دېگەن.

ئۇيغۇر مەسىلىسى نۆۋەتتە ئامېرىكا سىياسەت ساھەسىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەربابلار تەرىپىدىن مۇنازىرە قىلىنىدىغان مۇھىم تېمىغا ئايلانماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.