رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى گۇۋاھلىق يىغىنىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2016.12.07

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى بۈگۈن خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتىنىڭ ئۆتمۈشى ۋە كېلەچىكى دېگەن تېمىدا گۇۋاھلىق يىغىنى ئۆتكۈزدى.

يىغىندا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، تىبەتلەردىن دالاي لامانىڭ ۋەكىلى پەنپا تسېرىڭ، خىتاي دېموكراتچىلىرىدىن ۋېي جىڭشىڭ، چېن گۇاڭچېڭ قاتارلىق مەشھۇر پائالىيەتچىلەر ئۆزلىرى تەۋە گۇرۇپپا ۋە مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە گۇۋاھلىق سۆزى قىلدى.

يىغىن ماتېرىياللىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىمقى يىغىن يېڭى ھۆكۈمەتنى خىتاي سىياسىتىنى بەلگىلەشتە دىققەت قىلىش زۆرۈر بولغان سەزگۈر مەسىلىلەردىن خەۋەردار قىلىشنى مەقسەت قىلغان. يىغىننىڭ بېشىدا خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ ياخشىلىنىشى ۋە ۋە دۆلەتنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشتىكى ئىلگىرىلەشنىڭ ئامېرىكا ۋە خىتايدىن ئىبارەت ھەر ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە گۈللىنىشى بىلەن باغلىنىشلىق ئىش ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن.

يىغىندا رابىيە خانىم تايلاندتىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى قاتارلىق نۆۋەتتىكى بىر قاتار جىددىي مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرلىكتە، يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە تېخىمۇ جىددىي كۆڭۈل بۆلۈشىنىڭ زۆرۈرلۈكى ھەققىدە چۈشەندۈرۈش ۋە تەكلىپ سۇنغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.