ئامېرىكا، ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇر ۋە يەھۇدىلار خانۇكاھ كۈنى لاگېردىكى ئۇيغۇرلارنى خاتىرىلىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-12-11
Share

ئامېرىكا، ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇر ۋە يەھۇدىي تەشكىلاتلىرى 10-دېكابىر يەھۇدىلارنىڭ خانۇكاھ بايرىمى كۈنى بىرلەشمە پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ، لاگېردىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنى خاتىرىلىگەن. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ 1-قېتىم يەھۇدىلار بىلەن بىرلىشىپ خانۇكاھ كېچىسىدە بۇنداق پائالىيەت ئۆتكۈزۈشىدۇر. ئامېرىكادىكى خاتىرىلەش پائالىيىتى 10-دېكابىر كېچىسى ۋاشىنگتوندىكى لىنكولن خاتىرە سارىيىنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن. پائالىيەتتە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ پروگرامما دىرېكتورى ماكس گېلبېر سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ 70 يىلدىن كېيىن يەھۇدىلار بىلەن ئوخشاش مەسىلىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇيغۇر مەسىلىسى «ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقادى ئۈچۈن قىلىنىدىغان كۈرەش بولۇشتىن ھالقىپ چىقىپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق مەسىلىسىگە ئايلانغان.» ۋاشىنگتوندىكى پائالىيەتنى ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ۋە يەھۇدىي تەشكىلاتلىرى ئورۇنلاشتۇرغان. شۇ كۈنى يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئەنگلىيەدىكى 8 يەھۇدىي ياشلار تەشكىلاتى بىلەن توردا خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن. «يەھۇدىي كرونىكال» گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەنگلىيەدىكى پائالىيەت خانۇكاھ بايرىمىنىڭ 3-كۈنىمۇ يەنە ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

خەۋەردە ئامېرىكادىكى يەھۇدىي ھەرىكىتى تەشكىلاتى، ياۋروپا يەھۇدىي ئوقۇغۇچىلىرى تەشكىلاتىنىڭمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن بۇنداق پائالىيەت ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن. «يەھۇدىي كرونىكال» گېزىتىنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ پائالىيەتنىڭ خانۇكاھ كۈنى ئۆتكۈزۈلۈشىدىكى سەۋەب بۇ بايرامنىڭ «يەھۇدىلارنىڭ بىر ئىمپېرىيە زۇلۇمىنى مەغلۇپ قىلغانلىقىغا ۋەكىللىك قىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك» ئىكەن.

خەۋەردە گرېك ئىمپىرىيەسى يەھۇدىلارنىڭ مەدەنىيىتى ۋە دىنىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنغاندەك خىتاينىڭمۇ ئۇيغۇرلارنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى، ھەر ئىككى زالىمنىڭ قىلمىشى ئوخشاپ كېتىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. خانۇكاھ يەھۇدىلارنىڭ قەدىمكى گرېك ئىمپىرىيەسىگە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، 2-ئىبادەتخانىسىنىڭ قايتا تىكلىنىشىنى خاتىرىلەش بايرىمى بولۇپ، «يورۇقلۇق بايرىمى» دەپ ئاتىلىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت