مۇھاپىزەتچى گېزىتى: »شىركەتلەر ئۇيغۇر مەسىلىسىدە گرېزمەندەك ۋىجدانىغا قارىشى كېرەك«
ئەنگلىيەنىڭ «مۇھاپىزەتچى» گېزىتى 13-دېكابىر تەھرىرات ماقالىسى ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىگە قارىتا ئۆزلىرىنىڭ مەيدانىنى ئىپادىلىگەن. ئۇلارنىڭ تەكىتلىشىچە، غەرب ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان ۋەھشىيلىكنى مەيلى توختىتالىسۇن ياكى توختىتالمىسۇن، ئۇنىڭدىن پايدا ئېلىشنى ئويلىماسلىقى، شىركەتلەر بۇ مەسىلىسىدە پۇتبول چولپىنى ئانتونى گرېزمەندەك ئۆزلىرىنىڭ ۋىجدانىغا خىتاب قىلىشى كېرەك ئىكەن.
-
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-12-14 -

«مۇھاپىزەتچى گېزىتى «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىگە بولغان قارىشىمىز: تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولماسلىقتىن رەت قىلالماسلىققىچە» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە، «مەيلى پۇتبول ياكى كىيىم-كېچەك ساھەسى بولسۇن ئانتونى گرېزمەن خاتىرىلىتىپ ئۆتكەندەك شىنجاڭدا بولۇۋاتقان ئىشلار دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىغا زىچ باغلانغانلىقى» بىلدۈرۈلگەن. ماقالىدە تەكىتلىنىشىچە، بۇرۇن تەسەۋۋۇر قىلغىلىمۇ بولمايدىغان ئىشلار ئۇيغۇر ئېلىدە يېقىنقى بىر قانچە يىلدا رەت قىلغىلى بولمايدىغان ئىشلارغا ئايلانغان.
ماقالىدە، رايوندىكى ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە دائىر دەلىللەرنىڭ تېخىمۇ كەڭ ئاشكارىلىنىۋاتقانلىقى، بارسېلونا كۇلۇبىنىڭ پۇتبول چولپىنى گرېزمەننىڭ خۇاۋېي شىركىتى بىلەن مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەنلىكى، يېقىندا ئاشكارىلانغان تۇتقۇنلار تىزىملىكى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى قانداق تۇتقۇن قىلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلاپ بەرگەنلىكى تەكىتلىنىپ، «غەرب، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەھشىيلىكنى مەيلى توختىتالىسۇن ياكى توختىتالمىسۇن، ئۇنىڭدىن پايدا ئېلىشقا ئۇرۇنماسلىقى ياكى ئۇنىڭغا رىغبەتلەندۈرمەسلىكى، شىركەتلەر گرېزمەندەك ۋىجدانىغا خىتاب قىلىشى كېرەك» دېيىلگەن.