كارل گېرشمەن: «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشى 10 يىل بۇرۇنلا باشلانغان، نۆۋەتتە ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى تەھدىتكە دۇچ كەلمەكتە»

مۇخبىرىمىز سادا
2019-07-05
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكادىكى دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىنىڭ رەئىسى كارل گېرشمەن 4-ئىيۇل كۈنى «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشى 10 يىل بۇرۇنلا باشلانغان، نۆۋەتتە ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى تەھدىتكە دۇچ كەلمەكتە» سەرلەۋھىلىك بىر ماقالە ئېلان قىلغان.

مەزكۇر ماقالە «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ شۇ كۈندىكى سانىغا بېسىلغان. ماقالىدە كارل گېرشمەن ئاساسلىق قىلىپ 10 يىل ئاۋۋال ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى بولغان ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن.

ئۇ ماقالىسىدە يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۈنسايىن ئېغىرلىشىۋاتقان باستۇرۇشلىرى ھەربىي، سىياسىي، ئىقتىسادىي جەھەتلەردىن شۇنداقلا رايوندىكى يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت سىستېمىسى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى، بۇ خىل كۆلەملەشكەن باستۇرۇش سىياسىتى پەقەت ئۇيغۇر خەلقىنى بويسۇندۇرۇش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن بەلكى ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىغىمۇ زور تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ماقالىدە يەنە نۇقتىلىق قىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «قوشماق تۇغقان» سىياسىتى بويىچە بىر مىليوندىن ئارتۇق خىتاي پۇقرالىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىنى «ئىشغال قىلىش» ئۈچۈن يۆتكىگەنلىكى بايان قىلىنغان. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇلار ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ «مېڭىسىنى يۇيۇش» ۋە ئۇلارنى نازارەت قىلىش پروگراممىسىنى تولۇق «كاپالەتلەندۈرۈش» ئۈچۈن «جان تىكىپ» ئىشلەيدىكەن. بۇ «تاجاۋۇزچىلار» نىڭ ئۆزلىرىنى ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە خىتاي مەدەنىيىتىنى ئېلىپ كىرگەن «پېشقەدەم تۇغقانلار» دەپ قارايدىغانلىقى كارل گېرشمەن تەرىپىدىن مەزكۇر ماقالىدىكى مۇھىم نۇقتىغا ئايلانغان.

كارل گېرشمەن ماقالىسىنىڭ ئاخىرىنى مۇنداق ئاخىرلاشتۇرغان: «ئەگەر ‹قايتا تەكرارلانمايدۇ› دېگەن ۋەدىنىڭ بىرەر مەنىسى بولسا، ئۇنداقتا ئۇ ئۇيغۇر خەلقىنى قۇتقۇزۇشتىكى بىر شوئار بولالىشى كېرەك.»

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت