خىتاينىڭ تايلاندتا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ كىملىكىنى ئېنىقلاپ بولغانلىقىنى بىلدۈردى
2013.04.18
خىتاينىڭ تايلاندتىكى باش ئەلچىسى نىڭ فۇكۇي يېقىندا تايلاند ئاخباراتىغا مەلۇمات بېرىپ، خىتايدىن قېچىپ چىققان 200 دىن ئارتۇق مۇساپىرنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ كىملىكى، يۇرتتىكى ئادرېسى، ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا ئالاقىدار بارلىق ئۇچۇرلارنى ئېنىقلاپ بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
تايلاند دائىرىلىرىگە تۇتۇلۇپ قالغان بۇ مۇساپىرلار ئۆزىنى «تۈرك» دەپ، تايلاند ۋە خىتاي ئەلچىخانا دائىرىلىرىگە ئۇچۇر بېرىشنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلگەن ئىدى. زور بىر قىسمى بالىلار ۋە ئاياللار تەشكىل تاپقان مۇساپىرلار، تايلاندتىكى بىر مەخپىي قاچاقچىلىق لاگېرىدا مالايشىياغا ئۆتۈشنى كۈتۈپ تۇرغاندا تۇتۇلۇپ قالغان ئىدى. بۇ ۋەقەگە يەنە تۈركىيە ئارىلاشقان. تۈركىيەنىڭ تايلاندتىكى ئەلچىخانىسى ئادەم ئەۋەتىپ مۇساپىرلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان.
بىراق، خىتاينىڭ تايلاندتىكى ئەلچىخانىسى ئۇلارنىڭ مۇساپىر ئىكەنلىكىنى رەت قىلغان. يېقىندا، خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ كونسۇلى جاڭ يىمىڭ تايلاند مىللىي تېلېۋىزىيە قانىلىدا سۆھبەت ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ مەسىلىسىنى ئادەم بىدىكچىلىكى ۋە قانۇنسىز كۆچمەنلەر مەسىلىسىگە باغلاپ چۈشەندۈرگەن.
لېكىن كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇيغۇر مۇساپىرلار خىتايغا قايتۇرۇلسا، سىياسىي زىيانكەشلىككە ئۇچرايدۇ. ئۇلار، تايلاند دائىرىلىرىنى مۇساپىرلارنى خىتايغا قايتۇرماسلىققا چاقىرىپ، ئۇلارنىڭ ب د ت غا مۇساپىرلىق ئىلتىماسى سۇنۇشىغا يول قويۇشنى تەلەپ قىلغان.