ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى 10-دېكابىر ئىنسان ھەقلىرى كۈنىدە نامايىش قىلماقچى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2016.12.02

2-دېكابىر جۈمە كۈنى گېرمانيىدىكى ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن فېيسبوكتا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 2016-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى كۈنىدە گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈپ، خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى كۈنىنى خاتىرىلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئۇقتۇرۇشتا بۇ قېتىمقى نارازىلىق نامايىشىنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ چاقىرىقىغا ئاساسەن ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى، گېرمانىيەنىڭ مىيۇنخىن شەھىرى ۋە باشقا جايلىرىدىكى ئىمكانىيىتى يار بەرگەن ئۇيغۇر ۋەتەنداشلارنىڭ نامايىشقا قاتنىشىشى لازىملىقى بىلدۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇيغۇرلارنى، 10 ‏-دېكابىر خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى كۈنىنى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئۇنىۋېرسال باياناتى ئېلان قىلىنغان بۇ كۈننى خاتىرىلەش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە ئۆز ۋەتىنىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي جەھەتتىن باستۇرۇشىغا ئۇچراۋاتقان رىيال ۋەزىيىتىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشقا ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇش سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈشكە چاقىرغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.